مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىدىغان پەسىلدە مېۋە چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالدى
14:24:34 2024-07-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

 تومۇز يازدا، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىدىغان پەسىل ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كەلدى. تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، مېۋە- چېۋىلەردىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، خۇددى بىر پارچە رەڭدار يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاپ قالدى. بۇ بىر يىل ئىچىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئەڭ شېرىن پەسىلدۇر.

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، كورلا شەھىرى شىنىغا بازىرىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى ئۈزۈملۈكتە ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شەھەر دېھقانلارنى ئۈزۈم، نەشپۈت قاتارلىق خاس مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى

7- ئاينىڭ 7- كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۇچۇڭ يېزىسى گويۈەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى پىشقان شاپتۇللىرىنى كۆرسىتىپ، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى. ئەن تاۋ فوتوسى

7- ئاينىڭ 9- كۈنى بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى لاپا كەنتىدىكى دېھقانلار قوغۇنلۇقتا پىشقان بېشەكچىنى كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ كەنتتىكى 2000 مودىن ئارتۇق بېشەكچى ئارقا- ئارقىدىن پىشتى، كەنت ئاھالىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ بازارغا سېلىپ ساتتى. لى شىنفاڭ فوتوسى

 ئوتتەك قۇياش نۇرى، بىپايان زېمىن مېۋىلەر مەي باغلاپ، خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالغان پەسىلنى بارلىققا كەلتۈردى. تومۇز  يازدىكى شىنجاڭ خۇددى غايەت زور مېۋە تەخسىسىگە ئوخشايدۇ: پىشقان قوغۇن، تاۋۇزلارنىڭ كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ؛ ئالتۇندەك ساپسېرىق ئۆرۈكنى بىر چىشلىگەن ھامان شەربىتى ئېغىزغا لىق كېلىدۇ؛ مەرۋايىتتەك پارقىراق ئۈزۈملەرنىڭ ھەر بىر ساپىقى، ھەر بىر دانىسىدىن قۇياشنىڭ ھارارىتى چىقىپ تۇرىدۇ؛ قىپقىزىل شاپتۇللار يۇمشاق، شىرنىلىك، تاتلىق. شىنجاڭنىڭ مېۋە- چېۋىلىرى تاتلىق بولۇپ، جۇغلانغان قەنت تەركىبى بار، شۇنداقلا قۇياشنىڭ تەمى بار، تۇپراقنىڭ ھىدى بار، يەنە چۆل- باياۋان، قۇم تۇپراقلارنى كۆكەرتكەن تەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى بار.

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى خېجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار تاۋۇزلارنى توشۇماقتا. ھازىر، بۇ ناھىيەدە ئېتىزلارغا تېرىلغان تاۋۇزلار ئارقا- ئارقىدىن پىشتى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ يىغىۋېلىش، ئاپتوموبىلغا بېسىشنى تېزلەتتى، ئېتىزلاردا ئالدىراشلىق مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

7- ئاينىڭ 4- كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى قىزىلجار كەنتىدىكى ھۆل ئالقات پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئالقات پىششىقلىماقتا. بۇ بازار ھۆل ئالقات پىششىقلاش زاۋۇتى، ئالقات قۇرۇتۇش ئۆيى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئالقات كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. سەي يۇڭجيې فوتوسى

 مېۋە- چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان شىنجاڭدا مەستخۇش بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلارنى ئۆتكۈزۈپ، تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇپ، جاپالىق ئەمگەكنىڭ نەتىجىلىرىنى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلايلى. شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ  مېۋە- چېۋىلەرنىڭ شېرىن ھېكايىسىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلايلى؛ شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ، تېتىپ، شېرىنلىك ئىچىدە شىنجاڭنى ھېس قىلايلى.

7- ئاينىڭ 10- كۈنى، ھەسەل ھەرىسى باققۇچى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چوڭ بۇغرا بازىرى كىچىك بۇغرا كەنتىدىكى بىر تاغ باغرىدا ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. تومۇز يازدا، بۇ يەردىكى تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، نۇرغۇن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىنى گۈللەرنى قوغلىشىپ ھەسەل ئېلىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا جەلپ قىلدى. خۇا يەنمىڭ فوتوسى

7- ئاينىڭ 2- كۈنى، كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسى چاڭشۈي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى قاق سالماقتا. بۇ كەنتتە ئۆستۈرۈلگەن كىشمىش ئۆرۈك، سېرىق ئۆرۈك، قاق ئۆرۈكلەردىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كەنت ئاھالىلىرى بازارنى تەمىنلەش ئۈچۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قاق سالدى. ۋۇ لې فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125