ئىشىكى ئالدىدىلا «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»
13:30:13 2024-07-17 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 − ئۈرۈمچى شەھىرى مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 146- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تاماملانغان پۈتكۈل ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈ خەۋىرى، فوتوسى)

 بىر پارچە چېرتيوژدىن يېڭىدىن سېلىنغان مەكتەپ بىنالىرى پۈتۈپ قەد كۆتۈرۈشكىچە، مائارىپ بايلىقىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش مۇساپىسى تېزلىتىلمەكتە؛ بىر مەكتەپنىڭ تەجرىبىسى مىڭ مەكتەپكە ئۈلگە بولۇشقىچە، گۇرۇھلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە... ئۈرۈمچى شەھىرى مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش» گۈزەل ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانماقتا.

 ئەلالارنى يېتىشتۈرۈپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش

 گۇرۇھلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

 ئۈزۈم يۇيۇپ، شەربىتىنى سىقىپ چىقىرىپ، مۇز قايماق ياساش... ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- باشلانغۇچ مەكتەپ 3- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى خۇ يارەن 7- ئاينىڭ 15- كۈنى يازلىق تەتىللىك ئەمگەك دەرسلىكىدىن بېرىلگەن مۇز قايماق ياساش تاپشۇرۇقىنى تاماملىدى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 88- باشلانغۇچ مەكتەپ 3- يىللىق 4- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى خۇ يۈيتۇڭمۇ سىنىپنىڭ توپىدا ئۆزى ياسىغان مۇزلۇق تاۋۇز شەربىتىنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مائارىپ گۇرۇھى بولغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- باشلانغۇچ مەكتەپنى باشلامچى مەكتەپ قىلدى، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 11- باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 88- باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىبارەت ئىككى ئەزا مەكتەپ بار. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، گۇرۇھ ئىچىدىكى ئۈچ مەكتەپ ئوخشاش بىر يۈرۈش يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇق تىزىملىكىنى قوللىنىپ، تاپشۇرۇقنى ئەخلاق تەربىيەسى، گۈزەللىك تەربىيەسى، ئەقلىي تەربىيە قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن يۇغۇرۇش بىلەن بىللە، قىزىقارلىق ۋە ئەمەلىيەتچان بولۇشقا تەڭ ئېتىبار بەردى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پېڭ لۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گۇرۇھلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش نوقۇل ھالدا تەجرىبە <كۆچۈرۈش> بولماستىن، بەلكى مەكتەپلەر ئارا يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. گۇرۇھ ئىچىدە ماس قەدەملىك ئوقۇتۇش سۈرئىتى، بىرتۇتاش باھالاش ئۆلچىمى بار، شۇنداقلا ھەرقايسى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى، مەكتەپلەر ئارا ئوقۇتقۇچىلارنى ئورتاق يۇغۇرۇش، پەلەمپەيسىمان ئورتاق ئىلگىرىلىتىش، دەرسخانىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، مەخسۇس تېمىنى ئورتاق تەتقىق قىلىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۈسكۈنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىش نەزەردە تۇتۇلدى. <شاڭمېي> داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار بايلىق ئامبىرى قۇرۇلۇپ، ئالتۇن دەرس سىن فىلىمى، دەرسلىك ماتېرىيالى، دەرس پىلانى بايلىقىدىن 127سى كىرگۈزۈلدى، گۇرۇھ ئىچىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئەمەلىي ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بايلىقنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقنى مىسالغا ئالساق، ھەم <چوقۇم ئىشلەش> مەزمۇنى ھەم <تاللاپ ئىشلەش> مەزمۇنى بار بولۇپ، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ».

 «ھەرقايسى مەكتەپلەر ئورتاق قىممەت ئىستىكى ۋە ئارزۇ نىشانى ئاساسىدا، يېڭىلىنىشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە خاسلىقنى تاپىدۇ» دېدى پېڭ لۇ.

 گۇرۇھلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى مەقسەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ساپاسىنى ئۆستۈرۈش»، دەرسلەرنىڭ «ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت. 7- ئاينىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3- تۈركۈمدىكى مائارىپ گۇرۇھى قۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەھەر دەرىجىلىك 30 مائارىپ گۇرۇھى، 113 مەكتەپ (مەكتەپ رايونى) بار بولۇپ، يەتتە رايون، بىر ناھىيەگە تەسىر كۆرسىتىپ، 197 مىڭ 500 ئوقۇغۇچىنى قاپلىدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك 122- باشلانغۇچ مەكتەپ باشلامچى مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزا مەكتەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 123- باشلانغۇچ مەكتەپ، سارداۋان يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 122- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھىنى تەشكىللىدى. يازلىق تەتىلدە ھەرقايسى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى دائىم توردا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى پىلانى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك 122- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چى جېچىڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى مەركەزلىك دەرس تەييارلاپ، دەرسلىكنى ئورتاق تەتقىق قىلدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇشى پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تېزدىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا بەرپا قىلىندى.

 ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇلتۇر يىل بېشىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى مائارىپ گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى نەتىجىلەر دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 88- باشلانغۇچ مەكتەپ 2- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاۋ جيايىنىڭ دادىسى جاۋ فېي مۇنداق دېدى: تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، سەنئەت بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئادەتتىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى ئەتراپىمىزغا يەتكۈزۈلسە، بىز ئاتا- ئانىلار خاتىرجەم بولىمىز.

 سىغىمىنى كېڭەيتىپ، ئورۇننى كۆپەيتىش

 ئىشىك ئالدىدىلا ياخشى مەكتەپ بار بولدى

 بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1- تۈركۈم بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بەش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ (خېماچۈەن مەكتەپ رايونى) بۇنىڭ ئىچىدە. 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، بۇ مەكتەپ مەكتەپ ئېچىۋېتىش كۈنى ئۆتكۈزدى، ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى بەرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا- ئانىلار كېلىپ مەسلىھەت سورىدى.

 «مەكتەپنىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ئۆلچەملەشكەن تەنھەرىكەت مەيدانى، ئىلغار تەجرىبىخانا، ياتاقتا يەنە تازىلىق ئۆيى بار ئىكەن». ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسى خۇاڭ لىجۈەن بىر تەرەپتىن ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ، بىر تەرەپتىن يان تېلېفونىدا سىنغا ئېلىپ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئەۋەتىپ بەردى.

 خۇاڭ لىجۈەن مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ (خېماچۈەن مەكتەپ رايونى) قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ كەلدىم، بۇ يىل 9- ئايدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال كېلىپ كۆرۈپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم.

 ھەقىقەتەن، مەكتەپنى سەيلە قىلغاندا قەدەمدە بىر مەنزىرە ئۇچراپ تۇراتتى، يېشىللىق بىلەن ئورالغانىدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، ئاساسىي گەۋدە ئىمارىتىدىن ئالتىسى بار، يەنە تيەنگۇاڭ رەسىم سىزىش ئۆيى، سەنئەت كارىدورى، ئۆي ئىچى پەي توپ ئۆيى، ئاۋىياتسىيە مودېلى ئۆيى قاتارلىق ئالاھىدە مەيدان- سارايلار تەسىس قىلىنغان.

 مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتىن 38نى يېڭىدىن قۇرۇش، داۋاملىق قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن يەتتە مەكتەپ قۇرۇلىدىكەن، 18 مەكتەپ داۋاملىق قۇرۇلىدىكەن، 13 مەكتەپ ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلىدىكەن؛ بۇ يىل 13 تۈرنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن بۇ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى ئورنىدىن 21 مىڭ 60ى يېڭىدىن كۆپىيىدىكەن؛ 15 يەسلىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە داۋاملىق قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش يەسلى يېڭىدىن، ئون يەسلى داۋاملىق قۇرۇلىدىكەن.

 يېڭى مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلگەن .

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك 146- ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭىدىن قۇرۇلغان توققۇز يىللىق ئىزچىل ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپ بولۇپ، بۇ يىل 9- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ يېڭى مەكتەپكە كىرگىنىمىزدە كۇتۇپخانا، پەي توپ سارىيى، زال، ئىقتىدار سىنىپى تولۇق بولۇپ، يەنە ئۆي ئىچى تەنتەربىيە مەيدانى تەسىس قىلىنغان، قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەت شادلىقىدىن قانغۇچە بەھرىلىنەلەيدۇ.

 بىر يېڭى مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتاللىرى مۇكەممەل بولغاندىن سىرت، ئاتا- ئانىلار يەنە ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

 بۇنىڭغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ (خېماچۈەن مەكتەپ رايونى)نىڭ ئەخلاق تەربىيەسى مەسئۇلى لى فاڭيۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپ رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسى ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەكتەپتىكى بەلگىلىك ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇتۇش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، ھەرقايسى مەكتەپ رايونلىرى ئارا ئوقۇتۇشنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنىڭ ئوخشاش سەۋىيەدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك 113- ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھى (باش مەكتەپ) پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيەنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھەرلىك 146- ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 113- ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھىغا ئەزا مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرقانچە مەكتەپنى بىر مەكتەپ مۇدىرى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)لىق مائارىپ ئىدارىسى تەقسىم قىلغان تۆتتە ئەلا ئوقۇتقۇچى، 113- ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇھىدىكى زاپاس ئوقۇتقۇچى بايلىقى، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار نەقلەشتى».

 تيەنجىن جەنۇبىي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق لى چېڭخەن دائىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك 146- ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدا سەيلە قىلاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاتا- ئانىلار يېپيېڭى مەكتەپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى مۇھىم بىلىدۇ. ياخشى مەكتەپ ئىشىك ئالدىمىزدا قۇرۇلدى، مانا بۇ ئەڭ ئەمەلىي بولغان بەخت- سائادەتتۇر».

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125