چاي مەدەنىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، چاي ھېكايىسى ياخشى سۆزلەندى
17:54:29 2024-07-17 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 − ئۈرۈمچى چاينى ۋاسىتە قىلىپ، چايچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، 2024- يىللىق شىنجاڭ خەلقئارا چاي مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرى سېتىۋالغان چايلىرىنى ئېلىپ قايتماقتا.

ئىستېمالچىلار پۇئېر چېيىنىڭ خۇش پۇرىقى ۋە تەمىنى ھېس قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دىلنار جارقىن فوتوسى)

 چاينىڭ خۇش ھىدىغا پەلسەپىۋى پىكىر ۋە شېئىرىي مەنە يوشۇرۇنغان، ئۇ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

 شىنجاڭ گەرچە چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون بولمىسىمۇ، شىنجاڭنىڭ چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، چاي ئىستېمالى، چاي ئوبوروتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ چاي مەدەنىيىتى رەڭدار جۇڭگو چاي ئائىلىسىدىكى جۇلالىق مەرۋايىتتۇر.

 2024- يىللىق شىنجاڭ خەلقئارا چاي مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىدە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 2024- يىللىق شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسى دېيىلىدۇ) چاي ھەۋەسكارلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ، چاي ئىچكەچ سۆھبەتلىشىپ، سودا ھەمكارلىقى ئورناتتى، چايچىلىق ساھەسىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئالماشتۇرۇش سودا سۇپىسى قۇرۇلۇپ، چاي مەدەنىيىتى، چايچىلىق كەسپى، چاي پەن- تېخنىكىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى كۆپ مەنبەلىك كۆرگەزمە قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى چايچىلىق كەسپىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھاياتىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.

 «كىچىككىنە چاي يوپۇرمىقى» «چوڭ كەسىپ»كە تۈرتكە بولدى

 «تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق»، «بەش- ئالتە شىنجاڭ چاي كارخانىسى بىزنىڭ چاي ماركىمىزغا ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان بولدى»، «شىنجاڭدىكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنى چايزار بىلەن قاپلانغان تاغلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز»، «كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، كېيىن ئۇزاق مۇددەت ئۇدۇللاشتۇرۇپ مال تارقىتىمىز»... تۈرلۈك ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز ھاسىل قىلىندى، قىسقىغىنە ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ ھەمكارلىقى رەسمىي باشلاندى.

 7- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە بولغان قىسقىغىنە تۆت كۈندە، 2024- يىللىق شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسىنىڭ سودا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

 مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ شېنجېن شەھىرى خۇاجۈچېن خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شياڭ فېي مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتلىك چاي كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەل كۈچلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور چايچىلىق كەسپى كاتتا مەرىكىسىنى بەرپا قىلىش نىشانى يېتەكچى قىلىنىپ، چاي ھەۋەسكارلىرى ۋە كەسپىي سودىگەرلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇلدى».

 بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، يۈننەن پۇئېر، ئەنخۇي خۇاڭشەن، گۇاڭدۇڭ چاۋجوۋ، گۇاڭشى ۋۇجوۋ، فۇجيەن ئەنشى قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار، جۇڭگو چېيى، فېڭپەي ديەنخۇڭ، چۈەنخۇڭ گۇرۇھى، جىڭۋېي قارا چېيى، دۇڭجو پۇئېر چېيى، دوۋجى پۇئېر چېيى، ديەننەن گۇيۈن چېيى قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالتە چوڭ چاي تۈرىدىكى ئېسىل مەھسۇلات كارخانىلىرى توپلاندى. شۇنداقلا زەرەپشان، رېنچۈەن ئەتىرگۈلى، داجيامۇ چايخانىسى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ يەرلىك ۋەكىللىك چاي كارخانىلىرى، 300دىن ئارتۇق چاي سودىگىرى، چاي كارخانىسى بەس- بەستە كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

 چاي كۆرگەزمىسىدە ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنىدىن 750ى تەسىس قىلىندى، ھۆكۈمەت كۆرگەزمە ئۆمىكى رايونى، مەملىكەت بويىچە داڭلىق چايلار رايونى، چاي مەدەنىيىتى پائالىيەت رايونى، بىر كىتاب، بىر چاي. سۇڭيۈن چاي بوشلۇقى، چاي سايمانلىرى گۈزەل سەنئەت رايونى قاتارلىق بەش چوڭ كۆرگەزمە رايونى قالتىس نامايان قىلىنىپ، ئالتە چوڭ چاي تۈرى، پىيالە- چەينەك، چاي سايمانلىرى، چاي ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىندى.

 تېتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان خۇش پۇراق چايدىن باشقا يەنە كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان نەپىس چاي سايمانلىرىمۇ بار. گۇاڭباۋتاڭ، يىخېتاڭ، يىدىڭشياڭ، يۈمو، يۈنزېڭياۋ، خۇيشىنليەن، خەيپەي زىشا، جېڭ چيۇبياۋ، دۇڭ مېيپىڭ، لى يەنرۇ قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك پىيالە- چەينەك كارخانىلىرى مىڭلىغان نەپىس چاي سايمانلىرىنى ئېلىپ كەلدى، ئىستېمالچىلار بىر ئىستاكان چاي ئىچىش جەريانىدا نەپىس چاي سايمانلىرىنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىدىن ھۇزۇرلاندى.

 چاي كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، شەنشى شيەنياڭ، گۇاڭشى ساڭۋۇ، يۈننەن پۇئېر، ئەنخۇي خۇاڭشەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كۆرگەزمە ئۆمەكلىرى ماركا تونۇشتۇرۇش، يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش قاتارلىق پائالىيەت شەكىللىرى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى چاي رايونلىرىنىڭ ئاممىۋى ماركىسىنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، ماركا توپى، ماركا ئىتتىپاقى، ماركا بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

 شىنجاڭ بولسا ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى «كۆزنىكى». ئۈرۈمچى شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممە يەرگە تۇتاشقان قاتناش تۈگۈنى ئەۋزەللىكى ۋە توپلىشىپ تەرەققىي قىلغان سودا ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ئارقىلىق چايچىلىق كەسپىدە تەمىنلەش، ئىستېمال، كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى مۇنبەت تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى لۇيۈەن چاي شەھەرچىسى، خۇالىڭ چاي شەھەرچىسى، گاۋتيې چاي شەھەرچىسى، شىنجۇڭ چاي شەھەرچىسى قاتارلىق كەسپىي بازارلارنى يېتىشتۈرۈپ، باشقا جايلاردىكى چاي سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلدى، قارا چاي، يېشىل چاي، قىزىل چاي، ئاق چاي، پۇئېر چېيى قاتارلىق تۈرلۈك چايلار بۇ يەرگە توپلاندى.

 چاينىڭ خۇشبۇي ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، چاي شادلىقىدىن ھەممە تەڭ بەھرىمەن بولدى. چاي كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە «چاي>»نىڭ خۇش ھىدى تېخىمۇ يىراقلارغا تارالدى. گۇاڭدۇڭ چاۋجۇ گۇڭفۇ چېيىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى خۇاڭ شياۋشيەن مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىنىڭ چايچىلىق كەسپىدە كەيپىيات ئىنتايىن قويۇق، ئىستېمالچىلارنىڭ <چاي ساپاسى> ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. بىز نۇرغۇن چاي سودىگىرى بىلەن ھەمكارلىشىش مۇددىئاسى ھاسىل قىلدۇق».

 شيەنياڭ قارا چاي خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى فەن باڭسى مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانىدا قارا چاي ۋە داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق، ھازىر تەكشۈرۈشنى تاماملىدۇق، نەتىجىسى كۆڭلىمىزدىكىدەك بولدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۈرۈمچىدىكى ئىستېمالچىلار ئىشىك ئالدىدىلا شيەنياڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدۇ».

 2024- يىللىق شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق چاي ماركىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋاكالەتچى سودىگەرلىرى ھەم سېتىش سودىگەرلىرى، جەمئىيەت ئاپپاراتلىرى، مەبلەغ سالغۇچىلار قاتارلىق كەسپىي سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر كوللېكتىپى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كېڭەشتى، «يىپەك يولىدىكى چاي ھىدى. چاي سېتىۋېلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، چاي كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنىدىكى بايلىقلار ھەمتۈرتكە قىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرى زورايتىلىپ، ئۇزارتىلىپ، «كىچىككىنە چاي يوپۇرمىقى» ئارقىلىق «چوڭ كەسپ»كە تۈرتكە بولۇندى.

 يېپيېڭى شىنجاڭ چاي مەدەنىيىتى نام كارتىسى بەرپا قىلىندى

 بىر ئىستاكان خۇش پۇراق چايغا مىڭ يىللىق تارىخ مۇجەسسەملەنگەن.

 جۇڭگو دۇنيا بويىچە چاينى ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ھەم ئىستېمال قىلغان دۆلەت بولۇپ، يىراق- يىراقلارغا سوزۇلغان چاي سودا يولى جۇڭگو چاي مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تارقىتىدىغان كۆۋرۈككە ئايلانغان.

 شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسىدە چاي ۋاسىتە قىلىنىپ، كۆپ خىل چاي پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تېخىمۇ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە، تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ دەۋر پۇرىقىغا ئىگە، ئامما تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان چاي پائالىيىتى ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان چاي مەدەنىيىتى كاتتا مەرىكىسى سۇنۇلدى.

 ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ھۈنەر- سەنئىتى كۆرگەزمىسى، ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتى، شياڭشېڭ مەخسۇس مەيدان ئويۇنى، لىفۇ بىلىم يۇرتىدىكى بېيىت ئېيتىشىش سورۇنى، چاي مەدەنىيىتى باش تېما لېكسىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. بىر قاتار كەسىپلەشكەن ۋە مول مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان ئېسىل پائالىيەتلەر شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە چاي مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇردى.

 «ئۇستام، بۇ نېمە چاي؟ تولىمۇ خۇشبۇي پۇرايدىكەن». خاڭجوۋدىن كەلگەن چاي ئىشلىگۈچى خې باۋيۈ شىخۇ لۇڭجىڭ چېيىنى ئىشلەش ماھارىتىنى نامايان قىلدى. چاي قورۇش نەق مەيدانىدا، خې باۋيۈنىڭ قىزىق قازاندىكى چاي يوپۇرماقلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئاستى- ئۈستىگە ئۆرۈپ قورۇشى بىلەن، يۇمران، ياپيېشىل چاي يوپۇرماقلىرىنىڭ قازاندا ئاستا- ئاستا كىچىكلەپ، رەڭگىنىڭ قېنىقلىشىشىغا ئەگىشىپ، چاينىڭ خۇش ھىدى تۆت ئەتراپقا تاراشقا باشلىدى.

 قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچى مۇرات ئادالەت شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئاسپىرانتلىق 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ چاي مەدەنىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، چاي پۇرىقىغا ئاساسلىنىپ چاي تونۇش ھالقىسىدا، تيېگۇەنيىن ۋە يەسىمەن گۈلى چېيىنىڭ پۇرىقى كۆڭلۈمگە ئەڭ ياقتى، چوقۇم جۇڭگونىڭ چېيىنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىمەن.

 شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسىدە بىر كىتاب، بىر چاي. سۇڭيۈن چاي بوشلۇقى كۆرگەزمە رايونى مەخسۇس تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چاي مەدەنىيىتى باش تېما لېكسىيەسى، گۇچىندا مۇزىكا ئورۇنلاش قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، كۆرۈش، پۇراش، ئاڭلاش، تېتىپ بېقىش، ھېس قىلىشتىن ئىبارەت بەش خىل تۇيغۇ جەھەتتە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە يېڭىچە چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى تەسىرات ئاتا قىلدى.

 دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك چاي سەنئىتى ئۇستىسى، شىنجاڭ دورىلىق چېيىنىڭ ۋارىسى، شىنجاڭ چاي سودىسى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى يىن يۈتۇڭ «شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ- ئادىتى خاس چېيى»نى باش تېما قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ چاي مەدەنىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ۋە كۆپ خىللىقى، ئەنئەنىۋى چاي ھۈنەر- سەنئىتى، شىنجاڭنىڭ چاي ئىچىش مەدەنىيىتى ۋە چاي ئىچىش تارىخى توغرىسىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

 يىن يۈتۇڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭ چاي مەدەنىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ خىللىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چاي مەدەنىيىتى نام كارتىسىنى بارلىققا كەلتۈردى».

 ئۇزاق يىللىق چاي مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئىپادىلىنىشى تېخىمۇ كۆپ ياش چاي ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى. ياش چاي ھەۋەسكارى ۋاڭ يىياۋ مۇنداق دېدى: مەن چاي سەنئىتى مەدەنىيىتىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، نەق مەيداندا لېكسىيە ئاڭلاپ بەك ھاياجانلاندىم. چاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش جەريانىدا، نۇرغۇن دوست تۇتتۇم، بىز چاي ئىچىش جەريانىدا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، چاي مەدەنىيىتىنىڭ خۇش ھىدىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 چاي كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا، زامان- ماكاندىن ھالقىغان جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشلەرنى قايتا نامايان قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتىنى قايتا نامايان قىلدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چاي قاينىتىش ۋە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاي تەييارلاشتىكى چاي دەملەش، كۈجە يېقىش، رەسىم ئېسىش، گۈل تىزىش قاتارلىقلار نامايان قىلىنىپ، چاي تارىخىنىڭ مول، قىممەتلىكلىكى، چاي سەنئىتىنىڭ ئېسىل، چوڭقۇرلۇقى ۋە قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان چايچىلىق ئىشلىرىنىڭ مول مەزمۇنى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىندى.

 «بىر ئىستاكان چاي»دىكى چەكسىز مۇمكىنچىلىك

 بەلكىم ھېچقانداق ئىچىملىك چايغا ئوخشاش بۇنچە كۆپ ياقتۇرغۇچىغا ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە، شۇنداقلا بۇنداق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن.

 قەدىمىي يىپەك يولى، چايچىلار قەدىمىي يولىدىن بۈگۈنكى «بىر بەلباغ، بىر يول»غىچە، چاي ئاللىقاچان جۇڭگودىن چىقىپ، دۇنياغا يۈزلەندى.

 رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان لى چۈنيەن دۆلەت ئىچىدە چاي سەنئىتى ئۆگەنگەن ھەمدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك چاي سەنئىتى ئۇستىسى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ چەت ئەلدە ئىشلەش جەريانىدا بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ رۇسىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، چاي سەنئىتى، گۈل تىزىش، كۈجە سەنئىتى قاتارلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتتى.

 شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىڭشىڭ چاي سەنئىتى ئۇستىسى 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك باھالاش مۇسابىقىسى. شىنجاڭ شۆبە مۇسابىقىسىدە، لى چۈنيەن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش» ناملىق چاي سەنئىتى ئويۇنىنى تاماملىدى. ئۇلار چاي سەنئىتى شەكلى ئارقىلىق چەت ئەلدە چاي مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتىكى قەلب مۇساپىسىنى بايان قىلدى.

 لى چۈنيەن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، چايچىلار قەدىمىي يولى جۇڭگونىڭ چېيىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېلىپ بارغان، چاي مەدەنىيىتىمۇ تەدرىجىي شەكىللەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشقا تۈرتكە بولدى، بۇ، جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، ئەۋج ئالدۇرۇشنى پۇرسەت ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلىدى».

 نۇرغۇن چاي سودىگىرى، چاي كارخانىسى شىنجاڭغا كېلىپ چاي كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۈرۈمچى ئارقىلىق چاينى چەت ئەل بازارلىرىغا سېتىپ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلدى.

 ئۈرۈمچى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلغان ئېچىۋېتىلگەن سۇپا چاي سودىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچىدە جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزدىن 662سى قاتناپ، %7.1 ئاشتى؛ ئايروپورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ- چىققانلار، ئىمپورت- ئېكسپورت ماللار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم 1.8 ھەسسە ۋە 2.5 ھەسسە ئېشىپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ قوش ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.8 ھەسسە ئېشىپ، بازاردىن سېتىۋېلىش سودا ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى پۈتۈن بىر يىلدىكىدىن ئالتە ھەسسە قاتلاندى.

 يۈننەن ئۆلكىسى پۇئېر شەھەرلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش مۇدىرى خۇاڭ چىبياۋ مۇنداق دېدى: يۈننەن پۇئېر چېيى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا سېتىلىدۇ، بىز ئۈرۈمچى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا سېتىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق سېتىش يوللىرىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ئۈرۈمچىدە قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى چايخانا، يېڭىچە جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى چاي- ئىچىملىك دۇكىنى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەدرىجىي سىڭىپ كىردى. پۇئېر چېيى، ديەنخۇڭ چېيى، داخۇڭپاۋ چېيى، لۇڭجىڭ چېيى، بىلوچۈن چېيى... جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى چاي- ئىچىملىكلەر پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ چاي ئىستاكانىدا يېڭىلىق يارىتىپ قايتا ئىشلىنىش ئارقىلىق ياشلارنىڭ جەمئىيەت ئالاقىسىدىكى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىگە ئايلاندى.

 مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭىچە جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى چاي- ئىچىملىكلەردە چاي- ئىچىملىك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەق مەيداندا بىۋاسىتە ھېس قىلىشقىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن. دۇكاننىڭ بېزىلىشى يېقىشلىق، سەنئەت پۇرىقىغا تولغان، چاي ئىستاكانلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى نەپىس، يېڭىچە، مودا ئۇسلۇبتا بولۇپ، چاي تەمىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، ساغلاملىق بىلەن مودا بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭى تىپتىكى چاي- ئىچىملىك دۇكانلىرىدا بىر ئادەمگە بىر چەينەك، بىر ئادەمگە بىر ئورۇن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىستاكان يۇيۇش، چاي سېلىش، سۇ قۇيۇش، چاي يۇيۇش قاتارلىق مۇرەككەپ باسقۇچلار ئازايتىلغاچقا، ياشلارنىڭ جەمئىيەت ئالاقىسىدە داكا قىلىدىغان جايىغا ئايلاندى.

 CCMALL دەۋر مەيدانىغا جايلاشقان يېڭىچە جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى چايخانا − شەنخۇ چايخانىسى ئەمدىلا تىجارەت باشلىدى. ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خەن سەيياڭ مۇنداق دېدى: «چايخانىمىز چاي- ئىچىملىك تىجارىتى قىلىپ، چاي مەدەنىيىتى سالونىنى قانات يايدۇرۇپ، چاي- ئىچىملىك مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بىز كۆپچىلىكنىڭ چاينى قانچە چۈشەنگەنسېرى چاينى، چاي مەدەنىيىتىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرمۇ چايخانىمىزنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى».

 ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق گىرەلىشىپ، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا سىڭىشىپ، رەڭگارەڭ چاي مەدەنىيىتى يۆگىمە رەسىمىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى. ئۈرۈمچى چاي مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چاي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى چاي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، چاي مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125