«بۇ يەرنىڭ ساياھەت كەسىپ ھالىتى مول ئىكەن، تەۋسىيە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن»
17:59:09 2024-07-17 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئىككى كۈندىن بۇيان، «شياڭگاڭ سودا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى شيې يېتىڭ تارتقان ئۈرۈمچىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشى 10 مىڭ پارچىدىن ئاشتى، بۇ سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىدە نەنسەننىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىنىڭ كېچىلىك گۈزەل مەنزىرىسى، خەلقئارا چوڭ بازاردىكى مەززىلىك تائاملار، ياۋا ئات قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى ئارغىماقلار بار ئىدى.

 7- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار ۋاڭخۇڭلاردىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، «مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئات ساياھىتى قىلىمەن» تەشۋىق قىلىش- كېڭەيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

 زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دالىدا قونۇش ئورنى، مۇزېي، مەنزىرە نۇقتىلىرى مەنزىرە رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا تۇرمۇش ئۆگىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ نۇرغۇن تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ- ئادىتى ۋە شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى چۆكمە شەكىلدە ھېس قىلدى.

 زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىگە كەلدى.

 كەچكى شەپەق يازلىق يايلاق ۋە تاغ باغرىنى يورۇتۇپ، ئالتۇن تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

 تاغ باغرىدا پولۇ ئېتىۋاتقان قازاق چارۋىچىلار ساياھەتچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قازاقچە ئۇسسۇل ئوينىدى، يەنە بىر تەرەپتىكى ئوقيا ئېتىش پائالىيىتى چارۋىچىلارنى جەلپ قىلغانىدى، شيې يېتىڭ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

 شيې يېتىڭ يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادىتى پائالىيەتلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە قويۇلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم»دىكى يازلىق يايلاقنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلغانىدى. گەرچە ئالتايغا بېرىپ «داكا» قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بولساقمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ يازلىق يايلىقىدا «داكا» قىلىشمۇ بىزنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى.

 زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە بېرىپ، تىيانشان چوڭ جىلغىسىغا كىرىپ، ئورمانلىق، يايلاق، كۆل سۈيىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

 توردىكى ئىسمى «ئېنخېڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» بولغان تور چولپىنى جىڭ تىڭنىڭ 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار، ئۇ تارتقان ھەربىر سىن شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ، ئىنتايىن ئوبزارلىق تەسۋىرلەر بىلەن بايان قىلغانىدى.

 جىڭ تىڭ مۇنداق دېدى: «مەن ناخشا تېكىستىدىكى <مەن نۇرغۇن جايغا باردىم، ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ> دېگەن مىسرادىكى ھېسسىياتنى ئاخىرى ھېس قىلدىم. ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن، كۆپ مەنبەلىك ئىكەن، بۇ يەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئەگەر ئۈرۈمچىنى ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە توغرا كەلسە، مەن چوقۇم: گۈزەل، راھەت، ئازادە، ئىناق دېگەن سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەيمەن».

 بىر شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچى مەدەنىيەت تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

 زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ ياۋا ئات قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدا ئات مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يېقىندىن ھېس قىلدى.

 بۇ مەنزىرە رايونى ئات مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 100 نەچچە مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە سىلىتسىيلاشقان ياغاچ توپى، مىڭ يىللىق قەدىمىي توغراق، مېتېئورىت توپى، چىلانتورۇق، قىزىل تارىخ مەدەنىيەت سارىيى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكتىكى توردا ئالقىشلانغان داڭلىق داكا جايى بەرپا قىلىپ، ئاز ئۇچرايدىغان نەسىللىك ئاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپلا قالماي، يەنە چەۋەندازلارنىڭ پىشقان ئات ماھارىتىنى كۆپچىلىككە نامايان قىلدى.

 «ئاۋمېن كەچلىك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى چېن تىڭفېي مۇنداق دېدى: «ۋاھ، بۇ ئات نېمىدېگەن چىرايلىق، ئۇنىڭ يايلاقتا چېپىپ يۈرگەن ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، بىزگە ئوخشاش ئادەتتە جەنۇبتىكى شەھەرلەردە ياشايدىغانلار بۇنچە كۆپ ئەتىۋارلىق ئات ۋە بۇنداق چوڭ تىپتىكى چەۋەندازلىق ئويۇنىنى ئاسانلىقچە كۆرەلمەيمىز، بولۇپمۇ چەۋەندازنىڭ ئات ئۈستىدىكى ئالاھىدە ماھارىتىدىن ھەيران قالدىم، مەن <قىز قۇۋار>، <ئوغلاق تارتىشىش> قاتارلىق خەلق ئۆرپ- ئادىتى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئات مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم».

 زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بۇ قېتىمقى سەپەردىن قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى سەپىرىنى مەخسۇس تېمىدا خەۋەر قىلىپ، ئۈرۈمچى ساياھىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنى، ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقان تۇرمۇش ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئۈرۈمچىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە كېلىشكە جەلپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 چوڭ قولتۇق رايونى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى «خاتىرە» پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ مۇخبىرى لو شياۋمى مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر، بۇ يەردە ياشاش نېمىدېگەن بەخت- ھە، بۇ شەھەر تەۋسىيە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن. بىز كۆپرەك خەۋەر قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمىزنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يەنە ساياھەتكە كېلىمىز. گەرچە ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، بىز ئوخشىمىغان نۇقتىدىن خەۋەر بېرىش ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەتچىلىكىگە كۈچ قوشۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ مول مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىنى كەڭ تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىمىز.

 شىنجاڭدىكى يەرلىك ۋاڭخۇڭ «شىنجاڭلىق ماۋ ھەدە» ليۇ خۇينىڭ دوۋيىن سۇپىسىدا 3 مىليونغا يېقىن ئەگەشكۈچىسى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ھەتتا چەت ئەلدىمۇ ئەگەشكۈچىلىرىم بار، مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۈرۈمچىلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەگەشكۈچىلىرىمنى ئۈرۈمچىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) ساياھەتچىلىكنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەي يەن مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدە ئات ساياھىتى»دىن ئىبارەت بۇ داڭلىق ماركا بۇ يىل 4- ئايدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن تورنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى 10 مىليارد (قېتىم)دىن ئاشتى، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە يۈرۈشلۈك «ئات ساياھىتى» پائالىيەتلىرى ئارقىلىق داڭلىق ماركىنىڭ تۇنۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز ھەمدە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئۈرۈمچى «ئات ساياھىتى»گە تەكلىپ قىلىمىز. 

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125