ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قەشقەر شەھەرلىك كومىتېتى شەھەر بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغان 26 «قىزىل گالىستۇك دەرسخانىسى» پىدائىيلار مۇلازىمەت نۇقتىسى ئارقا- ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بالىلارغا بىخەتەر، خۇشال، ئەھمىيەتلىك دەم ئېلىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.
بۇ قېتىملىق يازلىق تەتىلدە، قەشقەر شەھىرى سەمەن يېزىسى قىزىل بايراق كەنتى سىفەن تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «قىزىل گالىستۇك دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق دەرس ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، بالىلارنى تەتىل مەزگىلىدە ئاكتىپ، ساغلام ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.
قەشقەر شەھىرى سەمەن يېزىسىنىڭ قىزىل بايراق كەنتىدىكى «قىزىل گالىستۇك دەرسخانىسى»نىڭ ئوقۇغۇچىسى روزى كامىل مۇنداق دېدى: دەرس مەزمۇنى ناھايىتى مول ھەم سەرخىل، مەدەنىيەت پەنلىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى بار، بىز ھەممىمىز ناھايىتى خۇشال.
قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى ئىلىم- پەن تەجرىبە سىنىپىدا، پەن- تېخنىكا ئىدارىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «سۇ بىلەن ئوتنىڭ سوقۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، ئىلىم- پەننىڭ كۈچىنى نامايان قىلدى. بالىلار سۇ بىلەن ئوت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئاجايىپ مەنزىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئىلىم- پەنگە بولغان قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش چاقناپ تۇراتتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بالىلار ئۆزى قول سېلىپ تەجرىبە ئىشلەپ ئىلىم- پەننىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، ھەر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت ھاياجان ۋە خۇشاللىققا تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم- پەنگە بولغان چەكسىز قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.
قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تەپسىلىي دەرس پىلانى تۈزۈپلا قالماي، يەنە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت بازىسى، ئىقتىدار ئۆيى ۋە تەنتەربىيە مەيدانىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، تاپشۇرۇق يېتەكچىلىكى، قىزىقارلىق ئويۇن، سەنئەت تەربىيەسى، تەنتەربىيە ھەرىكىتى قاتارلىق كۆپ خىل دەرسلەرنى تەسىس قىلدى.
نۆۋەتتە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قەشقەر شەھەرلىك كومىتېتى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە 36 مەيدان يازلىق تەتىللىك پائالىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، 1800 ئادەم قېتىم ياش- ئۆسمۈر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە نەپ يەتكۈزدى.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى قەدرىيە، چىن چېچى)