قەشقەر داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى ئىتتىپاق كومىتېتى 38 نەپەر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى خاپانلا كەنتى، چىگېلىك كەنتى ۋە ئىناق كوچا باشقارمىسى چاۋياڭ يولى مەھەللىسى، تىنچلىق يولى مەھەللىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «توغراق ماكانى، دوختۇرلۇق مېھرىنى يەتكۈزۈش» باش تېما قىلىنغان 2024- يىللىق «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» يازلىق تەتىللىك جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
پائالىيەت جەريانىدا پىدائىيلار تېببىي كەسپى بىلىملىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شۆيۈەن بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى 500دىن ئارتۇق ئاممىنى قان بېسىمىنى ئۆلچەش، قان شېكىرىنى ئۆلچەش قاتارلىق خالىسانە كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلارغا كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش دائىملىق لايىھەسى ۋە داۋالاش تەكلىپى بېرىپ، ساغلاملىق تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ، ئاممىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەرگە بولغان تونۇشى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
پىدائىيلار يەنە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا قارىتا خېيملىچ ئۇسۇلى ۋە يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنىڭ تاسادىپىي ئەھۋالدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. قەشقەر داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىرپان ئەسقەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يازلىق تەتىللىك جەمئىيەت ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىر قېتىملىق كەسپىي ماھارەت مەشىقى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر قېتىملىق قەلب سىنىقى بولدى، بىز بۇنىڭدىن تېببىي شۆيۈەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى قەدىرىيە)