قەشقەر شەھىرىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن 20سى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
12:00:21 2024-07-18 قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 قەشقەر شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىھەلىرى تولۇق، سۇ تېجەش، مۇھىت قوغداش بىر گەۋدە قىلىنغان بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى ھاجەتخانىلار قەشقەر شەھىرىدە ئارقا- ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەت قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، شەھەر مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى كۆزنىكىگە ئايلاندى.

图片

 قەشقەر خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ يېنىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئالدى ئەينەك ئىشىكىگە ئاپتوماتىك سېزىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىشىككە يېقىنلاشسىلا ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ. ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئىچىدە ئۈچ مۇستەقىل ھاجەتخانا، بىر كىچىك تەرەت قىلىش ئوچىقى ۋە بىر توسالغۇسىز ھاجەتخانا بار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرسىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھاجەتخانىلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى، مۇھىت سانلىق مەلۇماتى، ھاۋارايى ئۇچۇرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن شەھەر ئاھالىلىرى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاش جەريانىدىكى ئوڭايسىز ئەھۋالدىن ساقلىنالايدۇ.

图片

 قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئۆستۈرۈلگەندىن باشقا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ مۇلازىمىتى جەھەتلەردىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىندى. ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئاپتوماتىك ئىندۇكسىيەلىك چىراغ، بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سۇپىسى، قاتلىغىلى بولىدىغان بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ياشانغانلار ھەرىكەتچان ئولتۇرۇش ئۈسكۈنىسى، گىرىم ئەينىكى ۋە يان تېلېفونغا توك قاچىلىغۇچ قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلىققا ۋە راھەتلىككە ئىگە قىلدى.

图片

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى چوڭمىڭنىياۋ سودا باشقۇرۇش (قەشقەر) چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن سالغان بولۇپ، ھازىر 20سى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھەمدە 24 سائەت ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن.

 قەشقەر شەھەرلىك شەھەر- يېزا مۇھىت تازىلىقى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تۈر مەسئۇلى جاڭ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردىكى ئاساسلىق شەھەر مەمۇرىيىتى يوللىرى ۋە ئادەم ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولغان رايونلاردا يېڭىدىن 100 ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىنماقتا، ھازىر 20سى پۈتتى، بىز ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز.

(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى قەلبىنۇر، جاۋ چىڭخۇي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125