ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىنا) «مېيىپلىك كىنىشكىسى بېجىرىشكە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا سەككىز ئايغا يېتىدۇ». ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مېيىپلەر ئىنكاس قىلغان كىنىشكا بېجىرىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئىشنى كىنىشكا بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ، مېيىپلىك كىنىشكىسى بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ۋاقىت چېكىنى سەككىز خىزمەت كۈنىگە قىسقارتتى.
بۇ قېتىمقى خىزمەتنى ئەلالاشتۇرۇش جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلىك كىنىشكىسىنى مېھىر- شەپقەت كارتىسىغا باغلاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. كىنىشكىسى بار مېيىپلەر ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا ئۈرۈمچى خۇڭسەن ھەممىباب كارتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېكىتكەن تور نۇقتىسىغا بېرىپ مېھىر- شەپقەت كارتىسى ئىشلىرىنى بېجىرىپ، مېيىپلەرنىڭ ھەقسىز ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىلات ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گېڭ يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى مېيىپلىك كىنىشكىسىنى بېجىرىش سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ مېيىپلىك كىنىشكىسىنى بېجىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھەرىكىتى قولايسىز مېيىپلەرگە قارىتا، مەھەللە «ياردەملىشىپ ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىش» تەدبىرىنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە «ياردەملىشىپ ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىش»نى 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تاماملايدىغان بولدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)