پىتنە- ئىغۋانىڭ مەزمۇنى: قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى ھامان بىر كۈنى راك كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ، بالدۇرراق كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك
ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش: بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ ھەممىسىنىلا كېسىپ ئېلىۋەتمىسىمۇ بولىدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئاساسلىقى، تۈگۈنچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، ئۆسۈش ئۇسۇلى، ئىقتىدار ھالىتى، پاتولوگىيەلىك خۇسۇسىيىتىگە قاراش كېرەك. كىلىنىكىدا قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنى بايقىغاندىن كېيىن، دوختۇر ئالدى بىلەن باھالاپ، داۋالاش لايىھەسىنى بېكىتىدۇ. ئەگەر يامان سۈپەتلىك بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالايدۇ، ئەگەر ياخشى سۈپەتلىك بولسا، قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىدۇ. ئېھتىيات قىلىشتىكى سەۋەب شۇكى، قالقانسىمان بەز ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئىچكى ئاجراتما ئەزاسى بولۇپ، خالىغانچە كېسىپ ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا قالقانسىمان بەز ئاجىزلاش، قاندىكى كالتسىي تۆۋەنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا، قالقانسىمان بەزنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن مۇھىم نېرۋا ۋە زور مىقداردىكى قان تومۇر تارقالغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە بۇ نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنى زەخىملەندۈرۈشى ھەم ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەگەر سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى بايقالسا، بەك چوڭ بېسىم قىلىۋېلىش ھاجەتسىز، دوختۇردىن قالقانسىمان بەزنى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش تېخىمۇ ھاجەتسىز.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)