ھازىر، ھەر خىل زىرائەتلەرنى سۇغىرىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، يېڭىسار ناھىيەسى يازلىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مۇۋاپىق بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.
7- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيە ساغان بازىرى كەنتئېرىق كەنتىنىڭ ئېتىز بېشىغا كەلگىنىمىزدە، ئاستا- ئاستا ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى تۈپتۈز ئۆستەڭنى بويلاپ ھەرقايسى كەنتلەردىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىق يۈرۈشلەشكەن سۇ ساقلاپ تىندۇرۇش كۆلچىكىگە ئېقىپ كىرىۋاتقان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بېسىملىق تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئارىلاشما سۇيۇق ئوغۇت سۈيىنى زىرائەتلەرنىڭ يىلتىزىغا تەكشى، توغرا يەتكۈزۈپ، زىرائەتلەرگە كېرەكلىك سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى ۋاقتىدا تولۇقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.