شىنخۇا ئاگېنتلىقى «<ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بېغىشلايلى> − يېڭى دەۋردىكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات ھېكايىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى
10:08:38 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «<ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بېغىشلايلى> − يېڭى دەۋردىكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات ھېكايىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى «<ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بېغىشلايلى> − يېڭى دەۋردىكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات ھېكايىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈمەنلىگەن ئىشلار ئىچىدە خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم.

 داۋالاش، مائارىپ، مۇھىت، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش... بۇ ھەم پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، ھەم ئۇزاقتىن بۇيان خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا.

 «زىددىيەت قانچە چوڭ، مەسىلە قانچە كۆپ بولغانسېرى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك».

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۈزلىنىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتتى.

 قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەربىر تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ ھەممىسى خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسى، سالمىقى ۋە ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈردى.

 ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇشتىن ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇشقىچە: پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىش؛ نوپۇس ئىسلاھاتىدىن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقىچە: پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئېكولوگىيەنى قوغداشتىن تۇغۇتنى قوللاشقىچە: خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش؛ ياشانغانلار كۈتۈنۈش كاپالىتىدىن باشقا جايدا داۋالىنىشقىچە: ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش.

 ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، تورنى زىچ توقۇش. تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىسلاھاتى خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇساپىسىگە قاتنىشىشى، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

 خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا خەلقنى كۆزلەش، ئىسلاھاتتا خەلققە تايىنىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ مۇقەررەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125