ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا «قەدەمنى ياخشى ئېلىش» كېرەك
10:10:54 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار ۋە ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارغا پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى

ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا «قەدەمنى ياخشى ئېلىش» كېرەك

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

 ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈش، پاكلىق سۆھبىتىگە تەشكىللەش، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلارغا ئىنتىزام قىزىل سىزىقى سىزىپ بېرىپ، چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش «ۋاكسىنىسى»نى ئەملەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا «قەدەمنى ياخشى ئېلىش» قا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

 پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى كۆپ قېتىم ياش پارتىيەلىك كادىرلارنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە «ھەرىكەتكە كېلىش»، «جانلاندۇرۇش»،«ئەمەلىيلەشتۈرۈش»كە تۈرتكە بولدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئىنتىزامنى قەلبىمىزدە بىلىپ، ئىنتىزامغا ھەرىكىتىمىزدە ئەمەل قىلىپ، ئىنتىزامغا دائىم رىئايە قىلىپ، تاشقى تەلەپنى ئىچكى ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزنى قاتتىق، پۇختا تەكشۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزنى توغرىلاپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشنىڭ «بىرىنچى تۈگمىسى»نى ياخشى ئېتىشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كادىرلار كوللېكتىپ پاكلىق سۆھبىتى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى كې خۇا ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ «ئىقتىدار- ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشنى كۈچەيتىش، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەش» «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇش» «ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش» «ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، پاك- تەلەپچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 6- تەپتىش بۆلۈمىنىڭ 4- دەرىجىلىك تەپتىش ئەمەلدارى ياردەمچىسى جۈپار. جېڭىس مۇنداق دېدى: پارتىيە ئىنتىزامىنى «قاتتىق چەكلىمە» قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى تەشكىللەپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئۈچ كۈن مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. تەربىيەلەشتە ئەسلىي تېكىستنى تولۇق ئوقۇش بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەزەرىيە دەرسى ئۆتۈش بىلەن دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەر نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ، كۆپ مىقداردىكى دېلو مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، بابمۇباب، ماددىمۇماددا چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار ۋە نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى تەشكىللەپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش، دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ئوقۇتۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۇرسانتلارنى ئالاقىدار قانۇن- نىزام بىلىملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاشقا تەشكىللىدى.

 «پارتىيە ئىنتىزامى پارتىيەنىڭ جان تومۇرى، مەڭگۈلۈك ئۆلچەم، باشتىن- ئاخىر ئەيمىنىشنى بىلىپ، سەگەك بولۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، پولاتتەك ئىنتىزامنى كۈندىلىك ئادەت ۋە ئاڭلىق قوللانمىغا ئايلاندۇرۇپ، مالىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرىمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پىلان- مالىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ياڭ جىڭ.

 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئوبلاست باشقۇرۇشىدىكى كادىرلار كوللېكتىپ پاكلىق سۆھبىتى ھەم ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى، 2024- يىلىدىن بۇيان يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئوبلاست باشقۇرۇشىدىكى 125 نەپەر رەھبىرىي كادىر يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرلاردىن نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش، بولۇپمۇ پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش، تونۇش، چۈشىنىش، ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ پاك- تەلەپچان بولۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ياخشى كادىرلاردىن بولۇش تەلەپ قىلىندى.

 ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئاساسلىق كۇرسلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كادىرلار كۇرسى ۋە يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئاساسلىق كۇرسلارغا بىرلەشتۈرۈپ، 11 مەيدان، قېتىم ئۆگىنىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى تاۋلاشقا يېتەكلىدى.

 قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۆستۈرۈلگەن 120دىن ئارتۇق ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىر، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى بەنزە ئەزالىرىنى تاللاپ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى ئەينەك قىلىپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت كۆڭلىدە ئەيمىنىش بار بولۇش، ئىنتىزام تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

 تۇرپان شەھىرى يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى، 90 نەپەر يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىر تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلدى. تەربىيەلەشتە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى ئوقۇتۇش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزام- بەلگىلىمىلىرى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، كۇرسانتلارنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزام- بەلگىلىمىلىرىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىپ، ئىش ئورنى تەلىپىگە تېزدىن ماسلىشىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەلبىدە پارتىيە بولۇش، قەلبىدە خەلق بولۇش، قەلبىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، قەلبىدە ئەيمىنىش بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125