100 كارخانا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىگە ماكانلاشتى
10:15:29 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمى نامايان بولدى

100 كارخانا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىگە ماكانلاشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

 تومۇز ياز كۈنلىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان باقتۇ پورتىدا، پورتقا كىرىپ- چىقىدىغان ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ باقتۇ جۇڭگو- قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودا رايونى ئىچىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تاۋارلىرى شەھەرچىسىدە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىمپورت تاۋارلىرى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئىستېمالچىلارنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلاتتى؛ شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونى ئىچىدىكى ھەرقايسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، چوڭ تىپتىكى ماشىنا- ئۈسكۈنىلەر، ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى...

 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونى ئىچىگە جايلاشقان سەنيى (تارباغاتاي) شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، قاناتلار ئىشچىلارنىڭ قولىدا تەدرىجىي شەكىلگە كىرمەكتە ئىدى.

 سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىغا تۇنجى تۈركۈمدە ماكانلاشقان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان شامال گېنېراتورىنىڭ قانىتى ھەم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ بازىرى شىنجاڭ ئىچى، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپاغا كېڭەيدى. 6- ئايغىچە، بۇ يىل 199 يۈرۈش 597 قانات، 39 گېنېراتور ئاساسىي گەۋدىسى، 31 شامال چاقپېلىكى ئىشلەپچىقىرىلدى، مەھسۇلات قىممىتى جەمئىي تەخمىنەن 542 مىليون يۈەن بولدى.

 «سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ماكانلاشقان كارخانا ھەم تۇنجى تۈركۈمدە ماكانلاشقان كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دەل تارباغاتاينىڭ مول شامال كۈچى بايلىقى، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ھەمدە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى كۆزدە تۇتتۇق. يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھۆكۈمەتنىڭ سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشى، سودا ئارقىلىق سودىگەر جەلپ قىلىشىغا داۋاملىق ماسلىشىپ، تارباغاتاينىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقتىكى يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى سەنيى(تارباغاتاي) شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈتۈۋېلىش دىرېكتورى ۋاڭ زىياۋ.

 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تەستىقىي جاۋاب بېرىپ شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنى تەسىس قىلىشقا قوشۇلدى. شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، سىناق رايونى دائىرىسىنىڭ چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى، شىخو شەھىرى، ساۋەن شەھىرى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە بىڭتۇەن 9- شىنىڭ قىسمەن تۇەن- مەيدانلىرى قاتارلىقلار بولىدىغانلىقىنى، ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 15 مىڭ 951.43 كىۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

 تۆت يىلدىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى ئېچىش- ئېچىۋېتىشنى قوللاشقا ئائىت بىرقانچە سىياسەت- تەدبىر توغرىسىدىكى پىكىر»دە بېرىلگەن ئېتىبار سىياسەتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باقتۇ پورتى، چۆچەك شەھىرى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنى ۋاسىتە قىلىپ، يىرىك پىلان تۈزۈشنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ماس قەدەمدە ئەلالاشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، سىناق رايونى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىنىڭ تۆت فۇنكسىيەلىك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى.

 تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، «رايونلارنى بىرلەشتۈرۈش» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىغا تولۇق ھوقۇق بېرىپ كۈچ قوشۇپ، سىناق رايونى تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، ياردەم بېرىپ بېجىرىش قاتارلىق «تۆت تۈرلۈك تۈزۈم»نى ئىجادىي يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئەلا بولغان سېلىنما مۇھىتى ياراتتى، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايون يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلار ماكانلىشىپ، تەرەققىيات ئاساسى، كەسىپ سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى.

 2021- يىلى 5- ئايدا، سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىغا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى كارخانىلار كىرىپ ماكانلاشقانىدى، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، سەنيى ئېغىر سانائىتى- ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو سۇ ئېلېكتىر 4- ئىدارىسى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى 109 كارخانا ماكانلاشتى، 160 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى.

 2023- يىلى 4- ئايدا، سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىدا تۇنجى كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە يەتتە كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەم تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى، سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىدىن ئىبارەت بۇ «سىناق ئېتىزى»نىڭ يېتەكچىلىك رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى.

 بۈگۈنكى كۈندە، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، باقتۇ پورتى ۋە باقتۇ جۇڭگو- قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىنىڭمۇ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، باقتۇ پورتى ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىل جەمئىي 30 مىڭ 812 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.42 ئاشتى، بىر كۈندە چېگرادىن كىرگەن- چىققان ئاپتوموبىل ئەڭ كۆپ بولغاندا 607گە يېتىپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى؛ باقتۇ جۇڭگو- قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى ئارقىلىق جەمئىي 2937 ئاپتوموبىلغا بېسىلغان كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئىمپورت قىلىندى، ئېغىرلىقى 64 مىڭ 800 توننا، مال قىممىتى 289 مىليون يۈەن بولۇپ، 39 مىڭ ئادەم قېتىم چېگرا ئاھالىسى سودىغا قاتناشتى.

 شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: تۆت يىلدىن بۇيان، سىناق رايونى زور كۈچ بىلەن ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، دادىل يولغا قويۇپ، دادىل سىناق قىلىپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى ھەم بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 «كېيىنكى قەدەمدە بىز چوڭ- چوڭ تۈر ۋەزىپىسى، مۇھىم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىم سىياسەت، تەدبىردىن ئىبارەت <ئۈچ تىزىملىك>نى تۇتقا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملايمىز. <N+3> كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىدىكى مايلىق گازىرنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئارپا پىششىقلاش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى، ئاشلىق ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز. سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، تارباغاتاي ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىغا ئىلتىماس قىلىشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، سىناق رايونىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىمىز» دېدى گاۋ جيەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125