ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 33- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى
10:17:27 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 33- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12- يىغىنىنى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 7- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 33- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12- يىغىنىنى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12- يىغىنى توغرىسىدىكى قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ 12- يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر- بازار تۇرمۇش ئەخلىتىنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى سەنداۋلىڭ بازىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق، قاراماي شەھەرلىك، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق، تۇرپان شەھەرلىك، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىلى ئېتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نىزامى، قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر يول قاتنىشى تەرتىپىنى باشقۇرۇش نىزامى، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل سۇلۇق يېرىنى قوغداش نىزامى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېقىلغۇ گازنى باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ شەھەر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىتىش مەيدانلىرىنى قۇرۇش- باشقۇرۇش نىزامى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى توغرىسىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2023- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوت توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2023- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2024- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023- يىللىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، 2023- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوتنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ۋە 2024- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان 2024- يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، تۈرمە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مىللەت- دىن- تاشقى ئىشلار- خۇاچياۋلار كومىتېتىنىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

 يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار قاراپ چىقىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125