شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى
10:19:20 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) 7- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، دىققەت پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈپەت ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسنى ياخشى يولغا قويۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىغا سىڭدۈرۈش، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس دەرسلىك سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، «چوڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس» ئارقىلىق ئەتراپلىق ئادەم تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي كىچىك دەرسخانىسى بىلەن جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇن تىرىكىنى بېيىتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسنىڭ قاراتمىلىقى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى تاللاپ سەپلەش، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھالاش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قوشۇن تىرىكىنى پۇختىلاش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سېلىنما كاپالىتى، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش، تەشۋىق قىلىش- يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسنى ياخشى يولغا قويۇش خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 قەيسەر ئابدۇكېرىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق يەتتە ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125