خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش
10:27:20 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش

− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى جەمئىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يې خاۋمىڭ، ۋاڭ يۆياڭ، ۋاڭ يۈخاۋ

 خەلق تۇرمۇشى پىلانىدا كۆزلەنگىنى خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنى بېيىتىش، خەلقنى خۇشال قىلىش.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشى ۋە خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

 خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى كۈرەش نىشانى قىلىنىپ، جەمئىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلق تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

 جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش

 سىچۇەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى موزىچياۋ مېترو بېكىتىدىن چىقىپ، 100 مېتىر پىيادە ماڭسا چېڭدۇ 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ لىنيىن مەكتەپ رايونىغا بارغىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى، بۇ يەردىكى ئالدىنقى ئۇچ تور دەرسى مەزمۇنى سۈنئىي ھەمراھ سىگنالى ئارقىلىق تارقىتىلىپ، يۈننەننىڭ شۈنديەن ناھىيەسى، شىزاڭنىڭ رېكازې شەھىرى قاتارلىق مائارىپتا ئاجىز رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ سىنىپلىرىغا يەتكۈزۈلدى، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن بالىلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولى ئۆزگەردى.

 مائارىپ ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يول؛ مائارىپ ئادىللىقى جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» «مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، رايون مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك» دەپ ئېنىق تەكىتلەندى.

 ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ئىنسانىيەتنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىچكى تەلىپى بولۇپ، جەزمەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئاساسىدا جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان تۈزۈملەرنى تېزدىن ئورنىتىش كېرەك.

 «ئىجتىمائىي كاپالەت خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈزۈم كاپالىتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى مۇھىم ئىش».

 2021- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا 28- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ئارىسىدىكى، ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسى بىلەن باشقا ئالاقىدار ساھەلەر ئارىسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى قاتارلىق يىغىنلاردا ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئومۇمىي لايىھەسى، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر قاتارلىقلار كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلىنىپ قاراپ چىقىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى. خەلق ئاممىسى شەھەر- يېزا، رايون، جىنس، كەسىپ بويىچە ئايرىلماستىن، ھەممىسى ياشىنىپ قېلىش، كېسەللىك، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، مېيىپلىك، نامراتلىق قاتارلىق خەۋپ- خەتەرگە يولۇققاندا مۇناسىپ تۈزۈم كاپالىتىگە ئېرىشتى، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى.

 سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار تەخمىنەن 1 مىليارد 334 مىليون كىشى بولۇپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلانغانلار سانى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1 مىليارد 70 مىليون كىشى، 240 مىليون كىشى، 290 مىليون كىشىگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان... بىر قاتار ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا پۇختا ئاساس سالغان.

 يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى، دېموكراتىيە، ئادىللىق، ھەققانىيلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپى كۈنسېرى ئاشتى. «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى» تەرەققىياتنى ئۆلچەشتىكى، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يېڭى ئۆلچەم بولۇپ قالدى.

 خەلق ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئېھتىياجى ئالدىدا، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق دىققەت خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرگە سىجىل مەركەزلەشتۈرۈلدى −

 نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى تەڭشەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۆپ بېجىرىلىدىغان نوپۇس كەسپىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش... نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى، 2019- يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن 50 مىليون نوپۇس شەھەرگە كىرىپ ماكانلاشتى.

 ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ئاممىغا بولغان داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى... داۋالاش- دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا «قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش»قا زور كۈچ سەرپ قىلىنىپ، خەلق ئاممىسى ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك بولغان داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.

 شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھ قىلىندى، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، «تورت» تېخىمۇ ياخشى كېسىلىپ، كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىلدى.

 رايون ھالقىغان دېلو تۇرغۇزۇش، دەۋا مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ھۆكۈمەت قانۇن مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى... خەلق ئاممىسىنىڭ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا بولغان تېخىمۇ يۇقىرى ئېھتىياجى سىياسىي- قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، قولاي، ئىنچىكە قانۇن ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بېغىشلاش كېرەك».

 مول ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ خەلققە بەخت يارىتىشتىكى ئىللىق قەدەملەرنى خاتىرىلەپ، «خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>» ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا ئۈزلۈكسىز قۇلاق سالغانلىقىنىڭ ئەڭ ھەقىقىي ئىپادىسى.

 «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش

 «شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىشى كېرەك. سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر شاڭخەيگە كېلىپ تۆھپە قوشتى، ئوخشاشلا شەھەرنىڭ ئىگىلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇغا بولغان كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ كېلەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالايدىغان، ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەينىڭ مىنخاڭ رايونىغا كېلىپ يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. شۇ جاينىڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيلەرنى بىرتۇتاش غەملەپ قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش، «بىر كارىۋات، بىر ئېغىز ئۆي، بىر يۈرۈش ئۆي»دىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق ئىجارە ئۆي تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

 كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئاممىنىڭ «تۇرالغۇسى بولۇش»ىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز شەھەر- بازارلىرىدىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى پەسىيىپ، تۆۋەن كاپالەتلىك، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىگە قادىلىپ تۈزىتىپ، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى قاتارلىق پۇقرالار «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇش قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى دەل جايىدا تېپىپ چىقىلدى. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى زور ئىسلاھات ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاممىغا ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلدى.

 6- ئاينىڭ 13- كۈنى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 21 تارماق بىلەن بىرلىشىپ چىقارغان «يېزا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ئېلان قىلىندى، بۇ، مەملىكەت قاتلىمىدىن يېزا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا چىقىرىلغان تۇنجى ئومۇمىيلىققا ئىگە، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما. يېزىلاردىكى ياشانغانلار ئۈچۈن ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك بەخت «تورى»نى توقۇش ئارقىلىق، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلار «ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

 دۆلەت ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن «ئائىلە بىلەن مەھەللە ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ماسلىشىش» قاتارلىقلار ئارقىلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقىچە؛ ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ياشانغانلار ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقىچە... تۈرلۈك ئىسلاھات ئەمەلىي تەدبىرلىرى، قاتتىق تەدبىرلىرى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاپ، ئىجادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئەڭ گۈزەل «كەچكى شەپەق»نىڭ ئىللىق يۆگىمە رەسىمى پۈتۈن مەملىكەتتە يېيىلماقتا.

 ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، ئىسلاھاتتا دىققەت خەلق ئاممىسى دۇچ كەلگەن توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى، ئارتۇقچىلىقلار جارى قىلدۇرۇلدى −

 يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، «ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلدى، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تازىلىقىنى باھالاش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى... مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، «بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش»تەك خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.

 يولغا قويۇلغىنىغا كۆپ يىل بولغان دورا بۇيۇملىرى ۋە خورىما ماتېرىياللارغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، دورا بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى... خەلق ئاممىسىنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىشتە، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق دورا باھاسى يۇقىرى بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش قاتارلىق ئاغرىق نۇقتا، قىيىن مەسىلىلىرىگە بىۋاسىتە تېگىش قىلىنىپ، دورا باھاسى ساختا، يۇقىرى بولۇشتەك قالايمىقان ئەھۋال كۈچەپ تۈزىتىلدى.

 ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك تۈزەلدى... ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشتىن- ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتىكى 1- دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىپ، جۇڭگوچە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى سىستېمىسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

 خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، دىققەت خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى ئىسلاھاتىدىكى «قاتتىق قىيىنچىلىقلار»غا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئاممىنىڭ ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئالدىراۋاتقان ئىشلىرىنى دەل جايىدا تېپىپ، بىر قاتار ئىسلاھات لايىھەلىرى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان باش قاتۇرىدىغان ئىشلار، غەم قىلىدىغان ئىشلار، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلار ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىدا ھەقىقىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، ئىسلاھات خەلق ئۈچۈن بولۇشنىڭ چىن مەنىسى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى.

 «دائىم غېمىدە بولۇش»نى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇش

 «پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، خەۋپ- خەتەردىن قورقماسلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 220 مىڭدىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىم قەلبىدە باشتىن- ئاخىر ساقلاپ كېلىۋاتقان جاراڭلىق قەسەم.

 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلىپ، بۇ قوشۇنغا ئەترەت قۇرۇش، ئەترەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كۆرسەتكۈچىنى تىكلەپ بەردى، ئەترەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئەترەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ نىشان يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

 ئېغىر ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، زور خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان قوشۇنغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يېڭى دەۋر، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى گۇاڭئەنمېن جەنۇبىي كوچىسى 70- نومۇرلۇق قورۇدا 11 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 13 تۈرلۈك ئالاقىدار فۇنكسىيەسى بىرىكتۈرۈلگەن ۋە بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى تارماق − جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تىپىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، كۆپ يىللىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى سىجىل يېتىشىپ مېڭىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھادىسە، ئاپەت بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاندى.

 گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تەركىبىدىكى ئورۇنلارنىڭ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى باھالاش قانات يايدۇرۇلدى، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش- تىزگىنلەش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئىدارىلىرىگە بىرتۇتاش ۋىۋىسكا ئېسىلدى... جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ- ئامان جۇڭگو قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە پۇقرالارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىش- بېرەلمەسلىك پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ئۈچۈن زور سىناق.

 خەلق ئاممىسىنىڭ «يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ تېز بولۇشى، سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ قاتتىق بولۇشى، ئىسلاھات سالمىقىنىڭ زور بولۇشى مىسلىسىز بولدى −

 «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، قاتتىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ ئىدارە قىلىش پىلانلاندى؛

 پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى دوكلاتنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش» قىسمىغا كىرگۈزۈلۈپ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛

 2023- يىلى 2- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن خاتىرجەم بولۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى...

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، كۆپ مىقدارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش خاراكتېرلىك ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %98تىن يۇقىرى بولدى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى 1500 تۈردىن ئاشتى، دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى قالدۇقى بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى ئومۇمىي سانى 13 مىڭدىن ئاشتى... يېمەكلىك كەسپى ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان ئىشەنچى سىجىل كۈچەيدى.

 دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت مۇقىملىقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم كۈچ تىرىكى ئاساسىي قاتلامدا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى جەزمەن ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك».

 دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشتىن پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش، جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە؛ جەمئىيەت زىددىيەت- ماجىرالىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىش، ھەل قىلىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئالدىراۋاتقان ئىشلىرىنى قانۇننىڭ تۈزۈم لايىھەسىدە گەۋدىلەندۈرۈشكىچە...

 دۆلىتىمىز پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەقىل- پاراسەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يۇغۇرۇلغان شەھەر- يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىخەتەر سىياسىي مۇھىت، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى، ئادىل قانۇنچىللىق مۇھىتى، ئەلا مۇلازىمەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە «جەمئىيەت باشقۇرۇش»تىن «جەمئىيەت ئىدارە قىلىش»قا ئۆتۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 باشتىن- ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى قەلبكە پۈكۈلۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز تۈردە 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ گۈزەل يېڭى سەھىپىسى سىجىل پۈتۈلمەكتە.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125