شىنجاڭ ھېكايىسىنى دۇنياغا سۆزلەپ بېرىمىز
10:31:00 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭ ھېكايىسىنى دۇنياغا سۆزلەپ بېرىمىز

− «جۇڭخۇادا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى 2024- يىللىق مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل- يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارەت سەپىرىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

 «بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا 3- قېتىم كېلىشىم، ھەر قېتىمقى تەسىراتىم شۇنچىلىك چوڭقۇر. خەلقئارا جۇڭگو تىل- يېزىقى تاراتقۇلار ئىتتىپاقىمىز يەرشارى بويىچە مەملىكەت سىرتىدىكى 300دىن ئارتۇق جۇڭگو تىل- يېزىقى تاراتقۇسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلىكتە شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە كېلىشتۇق» دېدى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، مالايسىيا خەلقئارا جۇڭگو تىل- يېزىقى تاراتقۇلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى شۈ بىڭيى بىر ھەپتىلىك زىيارەت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا.

 6- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى يېتەكچىلىك قىلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن − «جۇڭخۇادا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى 2024- يىللىق مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل- يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارەت سەپىرى پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

 يەتتە كۈنلۈك سەپەردە، مالايسىيا، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، تايلاند، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق 18 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 30 مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل- يېزىقى تاراتقۇسى ھەمدە چياۋمىنلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار تۆت مەركەز تاراتقۇسى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرى ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى ھەم گۈزەل شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى.

 شىنجاڭدا ھېس قىلغان گۈزەللىكنى دۇنياغا ھەمبەھرىلەش

 شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ۋە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرى، مەززىلىك تائاملىرى ھەمدە قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى بەس- بەستە تەرىپلىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى «گۈلىنىڭ ئۆيى» ساياھەت ئائىلە زىيارەت نۇقتىسىدا، جۇشقۇن، شادىيانە مۇزىكا، چۆرگىلىگەندە يېيىلغان كۆڭلەك ئېتىكى، قىزغىن، جۇشقۇن ئۇسسۇل قەدىمى كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناشقا جەلپ قىلدى. «مەن ئاخىرى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ قەشقەرگە كېلىشكە تولىمۇ ئىنتىلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم، بۇ يەر كىشىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان بارلىق ئارزۇسىنى، <ئارزۇدىكىدەك جاي>غا بولغان بارلىق تەسەۋۋۇرىنى قاندۇرىدىكەن» دېدى ئاۋسترىيە «مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋاڭ جىڭيې. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئەسلىدە بار بولغان ئاھالىلەر تۇرمۇش كەچۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ يىلتىز تارتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلدى، ئۇ بۇنىڭدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تولۇپ تاشقان ئېنېرگىيەگە ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

 كوناشەھەر ناھىيەسى جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتى، يېڭىسار ناھىيەسى ئادىل دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى، ماناس داستانى چوڭ تىياتىرخانىسى قاتارلىق جايلاردا، زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ئۇلار دارۋازلىق، «ماناس» قاتارلىق ئۆزگىچە ئويۇنلارنى كۆردى، ھۈنەرخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ۋارىسلار، ھۈنەرۋەنلەر، ئويۇن قويغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى ھەم راۋاب، داپ، قەلەمتىراش، ساپال بۇيۇم قاتارلىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتى. «بۇ جاي ھەقىقەتەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى ئىكەن، ناھايىتى ياخشى ۋارىسلىق قىلىنىپ، قوغدىلىپلا قالماي، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، شۇ جايدىكى پۇقرالار يەنە مۇشۇ قول ھۈنىرى، ھۈنەر- سەنئىتىگە تايىنىپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىپتۇ.» كانادا سولو گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى چېن لىن مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بەكلا ھەيران قالدىم، چۈنكى مەن ئەزەلدىن بۇنداق مول ئۆزگە يۇرت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ باقمىغان. مەن خەۋەر ئارقىلىق بۇ جايدا ھېس قىلغان گۈزەللىكلەرنى دۇنياغا ھەمبەھرىلەيمەن.

 «كىچىككىنە بەخت» ئارقىلىق دۇنياغا شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بايان قىلىش

 شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا، زىيارەت ئۆمىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پەن- تېخنىكا بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇلار يەنە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى رۇنخۇا توقۇمىچىلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئىزچىلار گىلەم چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خىزمەتچى خادىملارغا ئەگىشىپ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئارىلاپ سوئال سورىدى. «بۇ شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇنداق ياخشى مەھسۇلاتلارغا جۇڭگو خەلقىلا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالماي، پۈتۈن دۇنيامۇ ئېھتىياجلىق. مەن خەۋەرلىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلىدىم» دېدى كوتېدىۋويرې «غەربىي ئافرىقىدىكى جۇڭگو ساداسى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى جىن خاۋ.

 تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا «كىرېمنىي جىلغىسى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى يۈ لىنا دەرھال بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدىكى بەخت ھېكايىسى بولدى، «مەن بىر ئايال خىزمەتچىنى زىيارەت قىلدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، ئۇ مۇھەببەتكە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ كىچىك ئائىلىسىنى قۇرۇپتۇ. ئەر- خوتۇن ئىككىلىسى زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان بولۇپ، كىرىمى ياخشى ئىكەن، يەنە ئۆي ۋە پىكاپ سېتىۋاپتۇ» دېدى يۈ لىنا. زىيارەت جەريانىدا، ئۇ ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى خىزمەت مۇھىتى، ئۆرلەش بوشلۇقى ھەمدە ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن «كىچىككىنە بەخت» ھېكايىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىدى. ئۇ «كىچىككىنە بەخت»نى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بايان قىلىشنى پىلانلىدى.

 شىنجاڭ ئوبرازىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىدە، زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ شىنجاڭدا تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. زىيارەت جەريانىدا، دىنىي زاتلار ھەر خىل سوئاللارغا سەمىمىي ھەم ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا جاۋاب بەردى.» ياپونىيە «دۇڭيىڭ يېڭى نەزەرى»نىڭ باش مۇھەررىرى مېڭ لىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، توردىكى بەزى گەپ- سۆزلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن.

 تاراتقۇلار ۋەكىللەر ئۆمىكى يول بويى مېڭىپ، يول بويى كۆرۈپ، يول بويى زىيارەت قىلدى، يەنە شۇ جايدىكى مۇزېي، مەنزىرە رايونى، مەھەللە قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاھالە بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆرگەن گۈزەل شىنجاڭنى دۇنياغا ئۈزلۈكسىز ھەمبەھرىلىدى. «مەن شىنجاڭغا بەش قېتىم كەلدىم، يەنىلا كوچا- كويلاردىكى پۇقرالارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدىن تەسىرلەندىم. بىزنىڭ <دۇنيا سۆزۈمگە قۇلاق سال> سەھىپىمىز بار، مەن زىيارەت قىلىپ نۇرغۇن ماتېرىيال يىغدىم، شىنجاڭ ھېكايىسىنى دۇنياغا سۆزلەپ بېرىمەن» دېدى ئامېرىكا ۋاشىنگتون جۇڭگو تىل- يېزىقى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى يۈەن يەن.

 جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى ئۇچۇر تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زو جىچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل- يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارەت سەپىرى پائالىيىتى تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن جۇڭگو تىل- يېزىقى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان نۇرغۇن سۆزلەر ئەمەلىي زىيارەت جەريانىدا ئۆز- ئۆزىدىن بىتچىت بولدى. شىنجاڭ ياخشى جاي، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىغا گۇۋاھ بولۇپ، تۈرلۈك شەكىل ئارقىلىق سىرتقا ھەقىقىي شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئىنتايىن ياخشى بولغان خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر شىنجاڭ ئوبرازىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125