زاۋۇتلاشقان ئايلانما باقمىچىلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ يېڭى يولىنى كېڭەيتتى
11:25:43 2024-07-18 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 7- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ليۇشىخۇ يېزىسىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھىرى جۈشىن پېڭفېي چارۋىچىلىق- باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ زاۋۇتلاشقان سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق رايونىدا، خىزمەتچىلەر خېرىدارلارغا ئوكۇن بېلىقىنى تۇتۇپ بېرىۋاتاتتى. ئوكۇن بېلىقى سۇ بار خالتىغا قاچىلىنىپ، ئوكسىگېن ئۇرۇلغاندىن كېيىن، گىرۋەكلىرى ھىم پېچەتلىۋېتىلگەچكە، ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا تىرىك تۇرىدۇ.

 چىڭگېداخۇ كۆلىگە يېقىن بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ليۇشىخۇ يېزىسى، چىڭگېداخۇ يېزىسى قاتارلىق جايلاردا چوڭ بىر پارچە سۇلۇق يەر بار. سۇلۇق يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ھەر يىلى ھەر خىل قۇشلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىدۇ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى تەدرىجىي كۆلەملەشتى. سۇلۇق يەرنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ يېڭى يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، زاۋۇتلاشقان باقمىچىلىقنى قوللىنىپ، ئوكۇن بېلىقى، يىنگۇ بېلىقى، ۋۇداۋخېي بېلىقى قاتارلىق بېلىقلارنى يەرلىكلەشتۈرۈپ بېقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ مەسئۇلى لى چېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە يېپىق ھالەتتىكى سۇ ئايلىنىش سىستېمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، سۇ بايلىقىنى سىجىل ساپلاشتۇرغىلى ۋە ئايلاندۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق سۇ بايلىقىنىڭ خورىشى زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىقتا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان دورا قالدۇقى قېلىش ۋە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 لى چېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل سىستېما ئارقىلىق سۇ سۈپىتى پارامېتىرىنى ئىنچىكە كونترول قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئېرىگەن ئوكسىگېن، كىسلاتا- ئىشقارلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە كونترول قىلىش ئارقىلىق، بېلىجانلارنى تەبىئىي ئېكولوگىيەگە يېقىن بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ».

 ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق ئەندىزىسىدە، باقمىچىلار سۇ سۈپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، پات- پات سۇ ئالماشتۇرۇپ تۇرغاچقا، سۇ بايلىقى زور دەرىجىدە ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى. ئايلانما سۇ باقمىچىلىقى سىستېمىسى قوللىنىلغاندىن كېيىن، فىزىكىلىق سۈزۈش، بىيو سۈزۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سۇ سۈپىتىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ ۋە تەڭشەپ، بېلىقنىڭ يېتىلىش ھالىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 لى چېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمى تەڭ قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئالتايدا زاۋۇتلاشقان باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاقسۇ، سانجى قاتارلىق جايلاردا ئالاقىدار تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى باقمىچىلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولغانىدى. بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە كارپ بېلىقى كىرگۈزۈپ سىناق تەرىقىسىدە باقىدۇ».

 چىڭگېداخۇ يېزىسىدىكى شىنجاڭ زىجىڭچۈەنسو يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار تىلاپىيە بېلىجانلىرىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. ھازىر تىلاپىيە بېلىجانلىرىنىڭ يېتىلىش مەزگىلى بولۇپ، تۆت بېلىق كۆلچىكىدىكى بېلىجانلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئۈچ سانتىمېتىر كېلىدۇ، خىزمەتچىلەر تەڭشىگەن يەمدىكى بىيولوگىيەلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار بېلىجانلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شىزې مۇنداق دېدى: بېلىجانلار سەل چوڭايغاندىن كېيىن يېمىگە قاتتىق ماددىلارنى قوشىمىز، بېلىجانلارغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوت- چۆپ تېرىش زاۋۇتىدا ئۆستۈرۈلگەن يەم بېرىلىدۇ. بۇ يەملەرنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ئوزۇقلۇقىنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى.

 زىجىڭچۈەنسو يەم بىلەن بېقىشتىن باشقا يەنە بىيولوگىيەلىك كونترول قىلىش سىستېمىسى، سۇ ئايلىنىش سىستېمىسى، يىغىۋېلىش سىستېمىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىغا كۈچ قوشتى.

 جاڭ شىزېنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر شىركەت تۇنجى قېتىم تىلاپىيە بېلىقى باققان، بۇلتۇردىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە شىركەتنىڭ تىلاپىيە بېلىقىنى سېتىش سوممىسى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

 ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى 1- ئورۇنغا قويۇش. ئۈرۈمچى شەھىرى تەرەققىيات داۋامىدا قوغداپ، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ياخشى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسى ۋە سۇ مۇھىتىنى ساقلىدى. ليۇشىخۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ گاڭ مۇنداق دېدى: ليۇشىخۇ يېزىسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يېشىل تېرىقچىلىق، ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى، ھەم تېخىمۇ ياخشى ئېكولوگىيە- مۇھىت بەرپا قىلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى زاۋۇتلاشقان ئەسلىھەلىك بېلىقچىلىق باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، داڭلىق، ئەلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېلىقچىلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىغا كۈچ قوشۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ھالىتى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق، يۇغۇرۇلۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇشقا قاراپ قەدەم تاشلاشقا يېتەكلىدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125