شىنجاڭ بۇ ئۈچ جەھەتتىن كۈچىدى
12:11:55 2024-07-18 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 قاتناش بىلەن ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىي قىلدى، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ساياھەتچىلىككە كۈچ قوشۇلدى

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش يول يۈرۈش شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، قاتناش ئاساسى، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تاشيولنى چۆرىدەپ «تېز بېرىپ ئالدىرىماي ساياھەت قىلىش» چوڭ قاتنىشىنى بەرپا قىلدى. قاتناشنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ساياھەت ساھەسىدە قوللىنىلىشى كۈنسېرى كېڭەيدى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت باشقۇرۇش ۋە ماركېتىڭ تەدبىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

 قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭىچە تەمىنلەش، يېڭىچە ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بايلىق ئېچىش مەھكىمىسى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر)لۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى (ئىدارىسى)، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەتكە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ 100دىن ئارتۇق ۋەكىلى قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما يېڭى يۈزلىنىشى، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق قاتناش كارخانىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر قاتنىشىش، قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇزارتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

 بۇ قېتىمقى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە مەۋقە شىنجاڭنىڭ بايلىق خاسلىقى ۋە مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىگە قويۇلۇپ، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تۆمۈريول ساياھىتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مەخسۇس تېمىغا بۆلۈندى.

 رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش

 ئاقىل ساياھەت يېڭى تەسىراتىدىن ھەمبەھرىلىنىشكە كۈچ قوشتى

 «يۆتكىگىلى بولىدىغان، يەر ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى ئىگىلىمەيدىغان، 5G تورى بىلەن تولۇق قاپلانغان ئاقىل ئۆتەڭ». جىڭدۇڭفاڭ پەن- تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن لىدىرى، جىڭدۇڭفاڭ يىيۈن پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياۋ شياڭجۈن مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن جىڭدۇڭفاڭ يىيۈنى بىر خىل ئاقىل ئۆتەڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بۆلەكلەشتۈرۈپ تۈزگىلى بولىدۇ، ئاقىل تازىلىق ئۆيى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق زەرەتلەش مەركىزى قاتارلىقلارنى قوشقىلى بولىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بايلىق ئېچىش مەھكىمىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جەمئىيەت تەرەققىياتى مەھكىمىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئاقىل ساياھەت مەنزىرە ئەمەلىي قوللانمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دا ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان، كۆپەيتكىلى بولىدىغان، كېڭەيتىشكە بولىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشچانلىققا ئىگە ئاقىل ساياھەت تىپىك مەنزىرىسىدىن ئونى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مەسىلەن: ئاقىل ئالدىن كېلىشىش، ئالدىن زاكاز قىلىش، ئاقىل قاتناشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش، ئاقىل ساياھەت ماركېتىڭى قاتارلىقلار.

 شىنجاڭ ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت- ساياھەت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: پائالىيەت نۇرغۇن يېڭى پەن- تېخنىكا، يېڭى تېخنىكىلارنى ئېلىپ كەلدى، بۇ تېخنىكىلار بىلەن ساياھەتچىلىكنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

 ساياھەت مەخسۇس پويىزى

 تۆمۈريول ساياھىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 120 مىليون 179 مىڭ 600 (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.28 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 131 مىليارد 657 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.39 ئاشتى.

 دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېنجۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى شىنجاڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللىدى، يىلدا تەخمىنەن 100 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىدۇ، بۇ يىل بىز شىنجاڭغا تۆمۈريول ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى مەخسۇس پويىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

 تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى

 شىنجاڭ ساياھەت بازىرىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى ياراتتى

 يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە (گۇاڭجوۋ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جياڭ يۈتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ھازىر شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى بىلەن ئۇدۇللاشماقتا، شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق EH216—S تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئادەملىك ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا سىناق قىلىندى.

 شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومېتىتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر، شىنجاڭ ساياھەت كەسپى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋاڭ خۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: گۇرۇھىمىز جۇڭشىن گۇرۇھى، ئايروپورت گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ تىك ئۇچار ئايروپىلان شىركىتى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىدا «ساياھەت + مەشغۇلات + كەسىپ» ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسىپ ھالىتى بىلەن رايون ئىقتىسادىنىڭ ئۈنۈملۈك ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى كەي خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125