7- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ كوچا باشقارمىسى شياڭيۈن مەھەللىسىدىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسى ئولتۇراق رايونىدا مەھەللە، ئاھالىلەر، ئۆي- جاي مۇلازىمەت شىركىتى ۋە ئەتراپتىكى ئىدارە- ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان يېمەكلىكلەرنى ئۈستەللەرگە تىزدى.
مەھەللە مەيدانى بولسا بەينياۋخۇ كوچا باشقارمىسىدىكى «ئاھالىلەر مەسىلە ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى»، شۇنداقلا «<ۋەكىللەر بىلەن ئۇچرىشىش> جەمئىيەت ئەھۋالى- خەلق رايى ئۈستىدە سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى»نىڭ يىغىن مەيدانى.
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بەينياۋخۇ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ۋە ھەرقايسى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ شۇجىلىرى ئولتۇراق رايوندىكى مەيدانغا كېلىپ، ئاھالىلەر، مۈلۈك ئىگىسى كومىتېتى، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ۋە ئەتراپتىكى ئىدارە ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ئاڭلىدى.
«مەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كۆپچىلىك مەن بىلەن ئۇچراشماقچى بولساڭلار، مەن ھەر ۋاقىت تەييار». ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بەينياۋخۇ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جۇ لىڭ ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ھەمدە كۆپچىلىكنى كەڭ- كۇشادە سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇردى.
شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «مەن جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە مەسىلىنى ئىنكاس قىلماقچى. 1- مەسىلە، ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلمىدى، مەكتەپ ئىچىدىكى ئەخلەتلەر ۋاقتىدا توشۇلمىغانلىقتىن، ئەخلەت پونكىتى ئەخلەت بىلەن توشۇپ كېتىپ، مۇھىتقا تەسىر يەتتى؛ 2- مەسىلە، مەكتەپ ئىچىدە لالما ئىت كۆپ، ئىتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بالىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمىز؛ 3- مەسىلە، سۇ بېسىمى كۈچلۈك بولمىغاچقا، ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ يۇقىرى قەۋىتىگە سۇ چىقمىغانلىقتىن يازدا يۇيۇنغىلى بولمايدۇ».
«سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن تېلېفون بېرەي، ھازىرلا سىزگە جاۋاب قايتۇرىمەن». جۇ لىڭ بىرقانچە مەسىلىنى خاتىرىلىگەندىن كېيىن، بەينياۋخۇ كوچا باشقارمىسى شەھەر رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چۇ يۇڭچاۋ ۋە بەينياۋخۇ كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى جى لياڭغا تېلېفون بەردى.
بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇلار يېتىپ كېلىپ، جاڭ لېي ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە نەق مەيداندا ئىنكاس قايتۇردى.
شىنجاڭ ئەيدې ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئەيدى يۆفۇ ئولتۇراق رايونى تۈر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى جۇ جىخۇا مۇنداق دېدى: ئولتۇراق رايوننىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدا ھەر كۈنى ئۇششاق تىجارەتچىلەر يايما يايىدۇ، ئۇلار كەچتە يايمىسىنى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن، پەيدا بولغان ئەخلەت بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، بىر قىسىم ئەخلەتلەر ئولتۇراق رايوندىكى ئەخلەتخانىغا دۆۋىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەخلەت تاشلايدىغان بوشلۇقىنى ئىگىلەپلا قالماي، مۇھىتقىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ھازىر بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمىدىم.
ئاھالىلەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ئولتۇراق رايونغا قاتناش، يېڭىدىن كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇش، يېڭىدىن چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىش، كۆرۈش دائىرىسىنى توسۇۋالغان دەرەخ شاخلىرىنى چاتاش، T شەكىللىك يول ئېغىزىغا قاتناش سىگنال چىرىغى ياكى پىيادىلەر يولى تەسىس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى، جۇ لىڭ ۋە ھەرقايسى مەھەللە شۇجىلىرى ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى نەق مەيداندا ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە ھەل قىلىش قەرەلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاھالىلەر، ئالىي مەكتەپ ۋە ئىدارە ئورۇنلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ئۆي- جاي مۇلازىمىتىگە چېتىلسا، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ مەسئۇلىمۇ نەق مەيداندا ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ گېزىتخانىسى ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ۋاڭ شيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مەسىلە ئىنكاس قىلىۋاتىدۇ، مەن مەھەللىمىز ۋە ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنى ماختايمەن، ئۇلار تۇرمۇشىمىزدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلارغا رەھمەت.
يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇڭفاڭ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى (شىنجاڭ گېزىتخانىسى ئولتۇراق رايونى)نىڭ تۈر دىرېكتورى ياڭ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىككە رەھمەت، سىلەر شىركىتىمىزنى ماختاپ بىزنى خىجىل قىلىۋەتتىڭلار، بىز داۋاملىق تىرىشىمىز.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى)