بۇ يىل شىنجاڭدا 56 ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىدى
16:04:32 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ) مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 7- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، شىنجاڭدا 56 ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىغان بولۇپ، جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

5- ئاينىڭ 8- كۈنى، تۇنجى قېتىملىق «تىيانشان» ناملىق ساياھەت پويىزى يولغا چىقتى. چېن جىۋېي فوتوسى

 بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋات مەزگىلگە كىردى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزى ۋە يۈرۈش خەرىتىسىدە بېكىتىلگەن پويىزلارنى ياخشى ماڭدۇرۇپ، ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئاچتى، «جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى بەھۇزۇر سەيلە قىلىش»، «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنى كېڭەيتىشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىلدا ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 106نى قاتنىتىشنى پىلانلىدى.

 «7-، 8- ئايلاردا قاتنايدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ كارىۋاتلىق بېلىتى سېتىلىپ بولدى، 9- ئايدىن كېيىن قاتنايدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزىدا يەنە ئاز مىقداردا بوش ئورۇن بار»، دېدى شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ساياھەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لىن ۋېن.

 شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسپورت كۈچىنى دەل جايىدا ئىشقا سېلىپ، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي، ۋۇچاڭ، لەنجوۋ، شاڭچيۇ (ئەنياڭ)، شىنىڭ يۆنىلىشىگە ئۆلكە ھالقىپ قاتنايدىغان بەش جۈپ ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرپان-  قومۇل، كۈيتۈن، شىخو، غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى قىزىق نۇقتىلىق يۆنىلىشلەرگە تىرانسپورت كۈچى سېلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى يېتەرلىك توشۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا، جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريولى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، پويىز ۋاگونىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئىمكانىيەتنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن بىر يىلدا 197 ئادەتتىكى يولۇچىلار ۋاگونىنى ئارقا- ئارقىدىن سەپلەيدۇ، ھازىر يېتىپ كەلگەن 119 ۋاگون غۇلجا، قەشقەر يۆنىلىشىگە سېلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125