7- ئاينىڭ 17- كۈنى، مۇددەتتىن بۇرۇن كۆرگۈچى «تۇتانكاموننىڭ دەۋرى» كۆرگەزمە رايونىدا ئاكخېتاتوننىڭ يېرىم تەنلىك ھەيكىلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
7- ئاينىڭ 17- كۈنى، «پىرامىدا چوققىسى: قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شاڭخەي مۇزېيىنىڭ خەلق مەيدانى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىنى شاڭخەي مۇزېيى، مىسىر ئالىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، «فىرئەۋىن دۆلىتى»، «ساققارانىڭ مەخپىيىتى»، «تۇتانكاموننىڭ دەۋرى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن، قەدىمكى مىسىرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى 788 قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى توپلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى تۇنجى قېتىم ئاسىياغا كەلتۈرۈلگەن.
بۇ كۆرگەزمە 7- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ، 2025- يىلى 8- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ يىڭ، لۇ جې فوتوسى، خەۋىرى
7- ئاينىڭ 17-كۈنى شاڭخەي مۇزېيى خەلق مەيدانى سارىيىنىڭ جەنۇبىي ئىشىكىدە سۈرەتكە تارتىلغان مېنېپۇتانىڭ ئۆرە تۇرغان ھەيكىلى. بۇ ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 2.4 مېتىر، ئېغىرلىقى ئىككى توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ، شاڭخەي مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە بۇيۇمىنى تۇنجى قېتىم تالادا كۆرگەزمە قىلىشى.
7- ئاينىڭ 17- كۈنى، مۇددەتتىن بۇرۇن كۆرگۈچى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
7- ئاينىڭ 17- كۈنى، مۇددەتتىن بۇرۇن كۆرگۈچى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
7- ئاينىڭ 17- كۈنى، مۇددەتتىن بۇرۇن كۆرگۈچىلەر كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)