ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ
«پاھ! تاشلارنىڭ راستتىنلا چېچەكلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن!» 7- ئاينىڭ 17- كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي دوستلۇق يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىقلار مۇزېيىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى ئېسىل قاشتېشى زالىغا كىرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەيران قالغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. تاش ئۈستىدە ئېچىلغان «ئالتۇن رەڭلىك ئەتىرگۈل»، «يېشىل مودەنگۈل»، «قارا رەڭلىك جۇخارگۈل»لەرنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، رەڭگى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.
شىنجاڭ گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىقلار مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان يىپسىمان ئاراگونىت. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
بۇ مۇزېيدا ھازىر 63 خىلدىكى 136 پارچە تاش ساقلانغان، ئۇلارنىڭ گۈل نۇسخىلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە. ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىرغا يېقىن كېلىدىغان قۇم چېچىكى تېشى ئالدىدا نۇرغۇن ساياھەتچى توختاپ سۈرەتكە تارتتى. قۇم چېچىكى تېشىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تەركىبىدە سۇ بولغان كالتسىي سۇلفات، يەنى گەج، گەرچە ئۇنىڭ قاتتىقلىقى تۆۋەن، ئاسان بۇزۇلۇپ كېتىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا يىغىپ ساقلىغۇچىلار قوغلىشىدىغان ئوبيېكت ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىقلار مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان قۇم چېچىكى تېشى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
ساراي ئىچىدىكى جۇخارگۈل تاشقاتمىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ساراي ئىچىدە ئىككى پارچە جۇخارگۈل تاشقاتمىسى ئەۋرىشكىسى بار، بىرى باشقا تاشلارغا نەقىشلەنگەن، يەنە بىرى نەق تاشقاتمىنىڭ ئۆزى. سارايدىكى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقىسىنىڭ تەركىبى تاغ جىنسلىرىنىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى ماددىلارنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشىمايدىكەن. يالغۇز ئۆسكەن جۇخارگۈل تاشقاتمىسىنىڭ جۇغى چوڭراق بولۇپ، پۈتۈن تاش بىر تال جۇخارگۈلگە ئوخشايدۇ. جۇخارگۈل تاشقاتمىسىنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرى گۈلچىمەن گۈلگە، بەزىلىرى ئەجدىھا پەنجىلىك جۇخارگۈلگە، يەنە بەزىلىرى ساليوت گۈلىگە ئوخشايدۇ، يەنە تېخى بەزىلىرى ئاجايىپ- غارايىپ بولۇپ، يېزىق شەكلىدىكى جۇخارگۈل، ئادەم شەكلىدىكى جۇخارگۈل، ھايۋانات شەكلىدىكى جۇخارگۈل، ئۆسۈملۈك شەكلىدىكى جۇخارگۈل قاتارلىقلار بار.
شىنجاڭ گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىقلار مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان جۇخارگۈل تاشقاتمىسى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
ساراي ئىچىدە ئۈستىدە ئاق رەڭلىك كىچىك گۈللەر ئېچىلغان بىر پارچە سۇس يېشىل رەڭلىك مودەن تېشى بار، ئۇنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى تەخمىنەن 300 مىليون يىلدىن 400 مىليون يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇ قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق بولۇپ، خەلقئارا تاش ماتېرىياللىرى ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئاجايىپ تاش» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھەم ئەتىۋارلىق تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. غەلىتە تاشلارنى يىغىپ ساقلاش ساھەسىدە، مودەن تاشقا ئوخشايدىغانلىرىدىن يەنە قار ئۇچقۇنى تېشى، بۇژغۇن تېشى، مېيخۇا تېشى قاتارلىق نەقىش ۋە گۈل نۇسخىلىرى بار كۆپ خىل تاشلار بار، ئۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «نەقىشلىك تاش» دەپ ئاتىلىدۇ.
شىنجاڭ گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىقلار مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان مودەن تاش. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «تاشنىڭ چېچەكلىشى» بىر خىل تەبىئەت ھادىسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى، ئاساسلىقى، تاغ جىنسلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت گېئولوگىيەلىك تەسىر ۋە تەبىئەت كۈچىنىڭ تەسىرىدە، سىرتقى يۈزىدە گۈلگە ئوخشاش شەكىل ياكى سىزىقچىلارنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن ئىكەن.
«بۇ گەرچە ھەقىقىي گۈل بولمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدۇ، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ماھىر ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى»، دېدى ساياھەتچى جوۋ زېچېڭ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)