G216 لىنىيەسىنىڭ گەنخېزى بازىرىدىن جىنشياڭ يول ئېغىزىغىچە بولغان يول بۆلىكىدە ۋاقىتلىق قاتناشقا چەك قويۇلدى
17:57:37 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى سەپەرگە چىققاندا دىققەت قىلىڭ! G216 لىنىيەسىنىڭ گەنخېزى بازىرىدىن جىنشياڭ يول ئېغىزىغىچە بولغان يول بۆلىكىدە ۋاقىتلىق قاتناشقا چەك قويۇلدى، ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار ئايلىنىپ مېڭىشقا دىققەت قىلىڭلار.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكەتچان يول ئەھۋالى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 11دە، سانجى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقۇرۇپ ئاسرايدىغان G216 لىنىيەسى (خۇڭشەنزۈي- جىلۇڭ لىنىيەسى)نىڭ 745 كىلومېتىرلىق جايىدىن 753 كېلومېتىر قوشۇلغان 900 مېتىر جايىغىچە (گەنخېزى بازىرىدىن جىنشياڭ يول ئېغىزىغىچە) بولغان بۆلىكىدە، كۆۋرۈك يۈزى بۇزۇلۇپ، ياتقۇزۇلغان پولات چىۋىق كۆرۈنۈپ قالغانلىقتىن، قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويغان، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلمىگەن. 

فۇكاڭ گۇڭئەن ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا ئېلان قىلىنغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، قاتناشقا چەك قويۇلغان مەزگىلىدە، شەرقتىن غەربكە قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىللار G216 لىنىيەسىنىڭ 745 كىلومېتىرلىق جايىدىن Z409 لىنىيەسىگە چىقىپ، زاۋۇت ئالدى يولىغا كىرىپ جىنشياڭ يول ئېغىزىدىن چىقىپ، ئوڭغا بۇرۇلۇپ G216 لىنىيەسىگە كىرسە بولىدىكەن؛ غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىللار G216 لىنىيەسىنىڭ 753 كىلومېتىر قوشۇلغان 900 مېتىرلىق جايىدىكى جىنشياڭ يول ئېغىزىدىن سولغا بۇرۇلۇپ زاۋۇت ئالدى يولىغا چىقىپ، ئاندىن Z409 لىنىيەسىدىن سولغا بۇرۇلۇپ G216 لىنىيەسىگە كىرسە بولىدىكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125