بىر مىللىگىراملا جانغا زامىن بولىدۇ! ياز كۈنلىرى تاماق ئۈستىلىدىكى «ئەجەللىك قاتىل»دىن ھوشيار بولايلى
11:13:31 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 7- ئاينىڭ 16- كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ياز پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىغانلىقتىن، يېمەكلىك سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن سۇغا چىلانغان مىفېن، سۇغا ئۇزاق چىلانغان مور، ئاق مور ئىستېمال قىلغاندا، گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسى زەھىرىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ھوشيار بولۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا جىددىي ئەسكەرتىش ئېلان قىلدى.

 گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسى دېگەن نېمە؟ بىر مىللىگىراملا جانغا زامىن بولىدۇ!

 «گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسى» ئېچىتىلغان دانلار، كوكۇس پالمىسى ھەم يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىقلار بۇلغانغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ، زەھىرى كۈچلۈك، رەڭسىز، پۇراقسىز، ئىسسىققا چىدامچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئائىلىدە نورمال تاماق ئېتىش ئۇسۇلى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئاساسلىقى جىگەر، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، پەقەت بىر مىللىگىرام بولسىلا جانغا زامىن بولىدۇ.

 نۆۋەتتە، گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنى داۋالايدىغان ئېنىق بولغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا تېخى يوق بولۇپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

 بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن جايدا گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسى زەھىرىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

 1- مىسال

 يېقىندا، تەيبېي شەھىرىدە بىر يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش دېلوسى يۈز بەردى، تەيبېي شەھەرلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ قېتىملىق «باۋلىن چايخانىسى»دىكى زەھەرلىنىش دېلوسىدا كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر ئاغرىقتىن جەمئىي يەتتىسى بار بولۇپ، نۆۋەتتە ئالتەيلەن ئۆلۈپ، بىرى دوختۇرخانىدىن چىققان.

 خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار تۇنجى ئۆلۈم دېلوسىدىكى جەسەتنى يېرىپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، زەھەرلىك ماددا − گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسى تەركىبىنى تەكشۈرۈپ چىققان.

 2- مىسال

 2020- يىلى 10- ئايدا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىدۇڭ ناھىيەسىدە بىر ئائىلىدىكى توققۇز جان ئۆزى ياسىغان «چۈچۈمەل قوناق ئۈگرىسى» (كۆممىقوناقنى نەمدەپ ئېزىپ ئېچىتقاندىن كېيىن ياسالغان بىر خىل توم چۆپ)نى ئىستېمال قىلغانلىقتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىققان، ئەڭ ئاخىرىدا توققۇز ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن، بۇنىڭ باش سەۋەبكارى دەل گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتا زەھىرى ئىكەن.

 قايسى يېمەكلىكلەر ئاسانلا گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسى پەيدا قىلىدۇ؟

 ئۇزاق ۋاقىت ئېچىتىلغان ياكى سۇغا ئۇزاق چىلانغان يېمەكلىكلەرنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق نەم مۇھىتتا قويغاندا ئاسانلا گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسى پەيدا بولىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 1. دانلارنى ئېچىتىپ تەييارلانغان مەھسۇلاتلار

 ئېچىتىلغان قوناق ئۇنى، سىبا (نومى گۈرۈچىنى دۈملەپ پىشۇرۇپ ياسىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك)، ئاچچىقسۇ بىلەن ئېچىتىلغان لەڭپۇڭ، گوتياۋ (گۈرۈچ ئۇنى بوتقىسىدىن ياسالغان چۆپ)، مىفېن، راڭپىزا قاتارلىقلار.

 2. سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىك زەمبۇرۇغى

 سۇدا ئۇزاق چىلانغان ئاق مور، قارا مور قاتارلىقلار.

 3. ياڭيۇ تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار

 ياڭيۇ پىنتوزىسى، گەنشۇ چۆپى، شەنيۈ كىراخمالى قاتارلىقلار.

 گۈرۈچ ئېچىتقۇسى باكتېرىيە كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

 ئېچىتىلغان گۈرۈچ، ئۇن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن، بۇلارنى ساقلاش، پىششىقلاش ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 ئىستېمال قىلغاندا تازىلىققا دىققەت قىلىش، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلىغاندا، تازىلىق ۋە تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 بىر كېچە سۇدا چىلانغان قارا مورنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

 سۈپىتى يېڭى، يېقىندا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىش كېرەك.

 يېمەكلىك سېتىۋالغاندا ئامال بار كىچىك ئورالمىلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاش، زىيادە كۆپ سېتىۋېلىپ ساقلىماسلىق كېرەك.

 تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى قۇرغاق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇھىتنى تاللاپ يېمەكلىكلەرنى ساقلاش، قۇياش نۇرىنىڭ يېمەكلىكلەرگە بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 ھەرگىز ئىستېمال قىلماڭ! بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرسىمۇ ناھايىتى خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ

 بىخلىنىپ قالغان ياڭيۇ

 ئىتئۈزۈمى ماددىسى بىر خىل زەھەرلىك گىلۇكوزىد ئالكالوئىد ماددا. ياڭيۇ بىخلانغاندىن كېيىن، ئىتئۈزۈمى ماددىسىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، بىر قېتىمدا 200 مىللىگىرام ئىتئۈزۈمى ماددىسىنى قوبۇل قىلغاندا ئادەمنى زەھەرلەيدۇ، ئېغىر بولغاندا جانغا زامىن بولىدۇ.

 كۆكىرىپ قالغان مېۋە

 ئالما، نەشپۈت، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەر چىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، پاتىلىن دېگەندەك نۇرغۇن زەمبۇرۇغ زەھىرى پەيدا بولىدۇ ھەم توپلىنىدۇ.

 پاتىلىن بىر خىل نېرۋا زەھىرى بولۇپ، ئىستېمال قىلغۇچىلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ نورمالسىزلىق پەيدا قىلىش ۋە راك پەيدا قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە.

 قارا داغ بار خۇڭشۇ 

 خۇڭشۇنىڭ سىرتقى يۈزىدە قارا داغ پەيدا بولسا، خۇڭشۇ قارا داغ كېسىلىنىڭ تىپىك ئالامىتىدۇر. قارا داغ كېسەللىك باكتېرىيەسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاسان ئۆلمەيدۇ، ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى جىگەرنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاغرىقتا قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە قاناش، شوك بولۇپ قېلىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 كۆكىرىپ قالغان زەنجىۋىل

 زەنجىۋىل كۆكىرىپ، سېسىپ قالسىلا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سافرول شىددەت بىلەن ئېشىپ كېتىدۇ، سافرول راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەندىن كېيىن قانداق جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

 1. يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

 تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى: يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئادەتتە غىزالانغاندىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددىي قوزغىلىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قىزىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش ۋە ئەسۋە چىقىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

 كۆپ ئادەمدە بىرلا ۋاقىتتا كېسەللىك قوزغىلىدۇ: بىللە غىزالانغان كىشىلەردە بىرلا ۋاقىتتا كېسەللىك قوزغىلىدۇ، ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتە دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.

 2. يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەندىن كېيىن ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟

 بىرىنچى ۋاقىتتا قۇسۇۋېتىش ھەم ئەۋرىشكە ئېلىپ قويۇش، ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى پەسەيمىسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش

 دەرھال كۆپ مىقداردا پاكىز سۇ ئىچىپ، زەھەرنى سۇيۇلدۇرۇش كېرەك.

 قۇسۇۋېتىش 

 ئەگەر غىزالانغىنىغا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، بارماقنى ئېغىزغا كىرگۈزۈپ يۇتقۇنچاق- كېكىردەكنى غىدىقلاپ، ئىمكانقەدەر ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.

 ئىچىنى سۈردۈرۈش

 ئەگەر غىزالانغىنىغا ئىككى - ئۈچ سائەت بولغان بولسىمۇ، لېكىن روھىي ھالىتى يەنىلا ياخشى بولسا، سۈرگە دورىسى ئىچىش كېرەك.

 دۆلەت جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش رادىيوسى مۇنداق ئەسكەرتتى: نەم، دىمىق تومۇز كۈنلىرى يېتىپ كەلدى، يېمەك- ئىچمەك تازىلىقىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش، يېمەكلىكلەرنىڭ چىرىپ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، زەھەرلەنگەنلىكىدىن گۇمان قىلغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125