جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇق
10:17:08 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياپونىيە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش كوللېكتىپى (PSH) ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى:

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇق

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن

 6- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، ياپونىيە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش كوللېكتىپى (PSH) ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مۇزېي، مەكتەپ، مەدەنىيەت خارابىلىرى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

 «ئىنتايىن ھاياجانلاندىم» «مۇزېيدا ساقلانغان بۇيۇملار مول ئىكەن»... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، كۆرگەزمە قىلىنغان «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقىدا كۆك، يېشىل، قىزىل، سېرىق، ئاقتىن ئىبارەت بەش خىل رەڭدىكى ئۆرۈش يىپ ۋە ئارقاق يىپ كىرىشتۈرۈپ توقۇلغان يۇلتۇز، بۇلۇت ھەم قۇتلۇق قۇش، خاسىيەتلىك ھايۋاننىڭ نۇسخىلىرى ئارقىلىق، نەپىسلىك گۈزەللىك نامايان قىلىنغان. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قۇرغۇچىسى جيادەيزى. پروخوروف مۇنداق دېدى: «جۇڭگو شىنجاڭدا، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا تارىخىنىڭ گۈزەللىكى، تاغ- دەريالارنىڭ گۈزەللىكى، مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقا گۇۋاھ بوپتۇ».

 ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى شەھەر پىلانلاش سارىيىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرىسىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى. چۈشەندۈرگۈچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى چوڭقۇر چۈشەندى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز ئىكەن، شەھەرلەر ئاۋات بولۇپ، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرە شەكىللىنىپتۇ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ئىكەن.

 ئىجتىھات بىلەن بىلىم ئېلىپ، خەتتاتلىقنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش. شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە- ئەمەلىيەت بازىسىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىر سائەتلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق خەتتاتلىق ئۆزگىچە دەرسىنى ئاڭلىدى. ئۇلار سىياھ ئېزىپ، رەڭ بېرىپ، شۈەنجى قەغىزىگە «ئىناق» ۋە «نەپىس» دېگەن ئىككى چوڭ خەتنى يازدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى گۇكوۋ يىجاۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق شەكىلدە خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشىم، بۇ ئۆگىنىش قوراللىرى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن. جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئىلغار پەن- تېخنىكىنى يۇغۇرۇپ دەرسخانىغا كىرگۈزۈش ئىنتايىن قالتىس ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىكەن.» ئۇ جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە سىجىل ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ھەم تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىلىم، مائارىپ، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

 تۇرپان قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، مەدەنىيەت جۇغلانمىسى چوڭقۇر. بېزەكلىك مىڭئۆيى خارابىسى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، كارىزنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيىتى پارلاق ئىكەن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭنى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىپتۇ.

 «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، بۇ جايدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.» ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئىۋان پروخوروف مۇنداق بىلدۈردى: قايتىپ بارغاندىن كېيىن، دوستلىرىمغا بۇ قېتىمقى ساياھەت تەسىراتىمنى ھەمبەھرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125