ئافرىقا تۇمشۇقى دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۆرپ- ئادەتلەردىن ھۇزۇرلاندى
10:26:37 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ خەيبو) 6- ئاينىڭ 26- كۈنى قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، ھاۋا ئوچۇق ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى − ئېفىيوپىيە، ئۇگاندا، جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق ئافرىقا تۇمشۇقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋەكىللەر ئۆمىكى» دېيىلدى) جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كېلىپ، شىنجاڭ سەپىرىنى باشلىدى.

 ئافرىقا تۇمشۇقى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جىبۇتى، ئېفىيوپىيە، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 115 مىليون. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىغا كەلدى ھەم چۆللىشىشنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار سۆھبەت- ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ چۆللەشكەن مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيە تەتقىقاتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، ئىككى تەرەپ سەھرايى كەبىر قۇملۇقى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى چۆللىشىشنى تىزگىنلەش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، قىزغىن ئىزدەندى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

 ئېفىيوپىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى گېبېييېخۇ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چۆللىشىشنى تىزگىنلەش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللار بار بولۇپ، ئۆرنەك قىلىش، كېڭەيتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەن.

 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى باغچە رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، كۆلەملىشىپ تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شامال ئېلېكتىر كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ھەمدە يېشىل ئېنېرگىيەنىڭ قانداق قىلىپ يەرلىك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىگىلىدى.

 شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، خىلمۇخىل ئۆزگىچە تاۋارلار پوكەي ۋە مال جازىلىرىغا لىق تىزىلغان بولۇپ، خۇددى رەڭگارەڭ يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايتتى. ساياھەتچىلەر ئۇياق- بۇياققا ئۆتۈشۈپ، ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان تاۋارلارنى تاللاۋاتاتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى كۆز ئالدىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلارغا ناھايىتى مەپتۇن بولۇپ، توختىماي «بەك چىرايلىق ئىكەن!» دەپ ماختىدى.

 ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا چوڭ بازار بارلىقىنى، ئەمما شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا خەلقئارالاشقان ئامىللار يۇغۇرۇلغانلىقى، ئىمارەت، سودا، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك- ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدىغان جايغا ئايلانغانلىقى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن نام كارتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىگىلىدى.

 ئۇگاندا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا سىياسىي باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئاۋدىدا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئېچىۋېتىلگەن ۋە سىغدۇرۇشچان قىياپەتنى نامايان قىپتۇ، ئۇ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە ئىگە سورۇن، شۇنداقلا سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئۇنى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125