19 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ئائىلە يىللىق كىرىمىنىڭ 150 مىڭ يۈەن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى
10:32:05 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 [مۇھەررىردىن]

 بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئۆتكۈنچى مەزگىلىنىڭ تۆتىنچى يىلى، كەسىپ ئارقىلىق يار- يۆلەك بولۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

 شۇڭا، ئاپتونوم رايون كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەرەققىيات سالمىقىنى زورايتىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، تېخنىكا قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىش شارائىتى، تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ۋە كۆزىتىش- ئۆلچەش ئوبيېكتلىرىنى كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا پائال يېتەكلەپ، بىر ئائىلىگە ياردەم پۇلى بېرىش، بىر ئائىلىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، بىر دائىرىگە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىگە يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نەزەر» يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما ئائىلىلىرىدە يۈز بەرگەن جانلىق ھېكايىلەر ئارقىلىق كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە جارى قىلدۇرغان پائال رولىنى نامايان قىلىدۇ.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

 «ھازىر سىرتقا چىقىپ چارۋا بېقىش قويلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھويلا- ئاراندا تاماملىغىلى بولىدۇ.» 7- ئاينىڭ 2- كۈنى، لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرى پىلەڭئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دۆلەتنىياز مەتروزى يېقىنقى مەزگىللىك سىرتقا چىقىپ چارۋا بېقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، بىر خىل مۇقىم بەخت شۇ ھامان سىرتقا چىققاندىكى ھارغىنلىقىنى يوقاتتى.

 دۆلەتنىيازنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ھويلىسى پاكىز، رەتلىك، تەرتىپلىك ئىدى. ھويلا تۇرمۇش رايونى، باقمىچىلىق رايونى قاتارلىق رايونلارغا ئايرىلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن، كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ياردەم بېرىش تۈرىدىن پايدىلىنىپ، يەنە ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق قوتىنى، يەم- خەشەك گەمىسى قاتارلىقلار سېلىنغانىدى.

 بۇ ئەسلىھەلەر بولغاچقا، دۆلەتنىياز ئائىلىسى 96 قوي، 50 توخۇ باقتى، ئىلمىي بورداقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 150 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

 بۈگۈنكى كۈندە، بىر ھويلا دۆلەتنىياز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جايى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خاس كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمنى كۆپەيتىپ بېيىشىدىكى ئاساس بولۇپ قالدى. بۇ ھويلا بولغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرى پۈتۈن ئائىلىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تىرەك بولىدىغان باقمىچىلىقنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ، نامراتلىق بىلەن ئۈزۈل- كېسىل خوشلاشتى.

 نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشتا، پەقەت بىر ھويلا- ئارانغا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ. دۆلەتنىياز ئائىلىسىنىڭ ھويلىسى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ياردەم بېرىش تۈرىدە چوڭ رول ئوينىدى.

 بۇ يىل، شىنجاڭ كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىش شارائىتى، تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ۋە كۆزىتىش- ئۆلچەش ئوبيېكتلىرىنى كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا پائال يېتەكلەپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، كىرىمنى كۆپەيتىپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇردى.

 بۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، خوتەن ۋىلايىتى كەسىپ سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇكاپاتلاش- تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈرى تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈر بويىچە دەل جايىدا ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئاۋۋال ئىشلەش كېيىن تولۇقلىما ئېلىش، كۆپ ئىشلىسە كۆپ تولۇقلىما ئېلىش، ياخشى ئىشلىسە يەنە تولۇقلىما ئېلىشنى قوللاپ، دېھقانلارنى كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، بىر ئائىلىگە ياردەم پۇلى بېرىش، بىر ئائىلىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، بىر دائىرىگە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي يەتتى.

 «مەن ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش تۈرى ياردەم پۇلىدىن ئون تۈرگە ئىلتىماس قىلدىم، ئومۇمىي سومما 19 مىڭ 557 يۈەن.» دۆلەتنىياز مۇنداق دېدى: چىشى چارۋىلارنى سېتىۋېلىش ۋە كۆپەيتىشكە بېرىلىدىغان ياردەم پۇل بىۋاسىتە سېلىنما مەبلىغىمىزنى ئازايتتى، يەم- خەشەك ياردەم پۇلى كېيىنكى بېقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ. چارۋىچىلىقتا ھاسىل بولغان كۆپ مىقداردىكى قىغ ئېچىتىلىپ مەھەللىۋى ئوغۇت قىلىنىدۇ، ياز پەسلىدە ئوغۇت دۆۋىلەش زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، سىياسەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشىدە، پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى.

 دۆلەتنىياز ئائىلىسىدىن قارىغاندا، كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرىكى يار- يۆلەك بولۇش سىياسىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، سىياسەتنى يولغا قويۇش نىشانى يەككە قوللاشتىن قوللاش بىلەن يېتەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە، قوللاش ئۇسۇلى ياردەم پۇلى بېرىشتىن تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا مۇكاپاتلىق تولۇقلىما بېرىشكە ئۆزگەردى. زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تەدبىرلەر دېھقانلارنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ھەقىقىي قوزغاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى كاپالەت سالمىقىنى زورايتتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 «ئالدى بىلەن ئۆزىمىز كۆپەيتىپ، ئۆزىمىز يېتىشتۈرگەن ساغلىقلارنى ساقلاپ قېلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىمىز، باشقا قويلارنى سېتىشنى ئويلىشىمىز.» دۆلەتنىياز مۇنداق دېدى: كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىتىدە ئۆزىمىز كۆپەيتىپ، ئۆزىمىز يېتىشتۈرىدىغان ھەربىر ساغلىق ئۈچۈن 300 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، قوچقار ئۈچۈن بۇ ياردەم پۇلى بېرىلمىگەن بىلەن بوردالغاندىن كېيىن ئۇنى سېتىپ پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، سىياسەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قانداق بېقىش، سېتىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ.

 دېھقانلارنى ئۇزاق مۇددەت خاس كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، كەسىپلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىتىدە يەنە ياردەم پۇلى بېرىش شەرتلىرى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، شەرتكە يەتكەنلەرگە يېزا- بازار ياكى ناھىيە دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرگەندىن كېيىن، ياردەم پۇلى مەبلىغى تارقىتىلدى، قوللاشنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە دەل جايىدا بولۇشى ئۆستۈرۈلدى.

 «قوللاش تۈرى بەش چوڭ ساھەدىكى 22 تارماق تۈرنى قاپلىدى.» ھاڭگىيا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىچيۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ساھەسىدىن باشقا، يەرلىكتە يەنە باغ- ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكەممەل قوللاش سىياسىتى تۈزۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما ئۆز تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلىنىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

 بۇ يىل ھاڭگىيا بازىرىنىڭ خاس باقمىچىلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. پۈتۈن بازاردا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش كەسىپ تۈرى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ياردەم تولۇقلىمىسى ئورنىغا مۇكاپاتلىق تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى بويىچە 9 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ تارقىتىلدى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى مۇۋاپىق پىلانلىنىش ئارقىلىق، «باشلامچى كارخانىلار تۈرتكە بولۇش + دېھقان ئائىلىلىرى پائال قاتنىشىش»تىن ئىبارەت ياخشى ھالەت ئىشقا ئاشۇرۇلدى، پۈتۈن بازار بويىچە بېقىلىۋاتقان چارۋا 142 مىڭ 800 بولۇپ، زور بىر تۈركۈم دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ خاس باقمىچىلىق ئارقىلىق مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 «ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈلىدىغان كەسىپ تۈرىنىڭ قوللىشى بولغاچقا، ئائىلە باقمىچىلىقىمىز بارغانسېرى كەسىپلەشتى.» دۆلەتنىياز مۇنداق دېدى: مەن تېخىمۇ كۆپ ئىلغار باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىمنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنى داۋاملىق تۈردە كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125