ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزى ئېلان قىلغان «ئاممىنىڭ قار- مۇز ئىستېمال بازىرى تەتقىقات دوكلاتى (2023- 2024 قار- مۇز پەسلى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ)دا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، ئالتايدىكى ئۈچ چوڭ چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى كۈتۈۋالغان ئادەم سانى بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.
2024- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا كەچكى شەپەقنى كۆرۈپ، «ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىشى باشلانغان جاي» نىڭ قىش پەسلىدىكى ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
«دوكلات»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2023- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، ئالتاي ۋىلايىتى قار- مۇز ساياھىتى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى، قار- مۇز مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ساھەسىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولۇپ، «قار- مۇز بىلەن قاپلانغان جاي»نىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2024- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى جياڭجۈن تېغى، كۆكتوقاي، جېكبېلىڭدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلغانلار جەمئىي 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
2024- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە، 2023- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، ئالتاي شەھىرى جەمئىي 4 مىليون 888 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنى 5 مىليارد 103 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. بۇ قار پەسلىدە، «ئالتايدا چاڭغا تېيىلىش»نى ئىزدەش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12 ھەسسە ئاشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)