سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا پۈتۈپ چىقىلغان ئېكولوگىيە جاۋاب قەغىزى
10:40:29 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ جىڭ، خۇاڭ تاۋمىڭ

 خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئالدىدا، قانداق قىلغاندا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت دەۋر جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ؟

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق كۈچەيتىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا مەزمۇت قەدەم تاشلاندى. ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك، تاغلىرى تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئېكولوگىيە جاۋاب قەغىزى بىپايان مۇقەددەس جۇڭگو زېمىنىدا يېيىلدى.

 ئىسلاھاتقا كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇندى

 يېقىندا، سەددىچىن سېپىلى بىلەن «جۇڭگو زۈن»نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن ئارىلىقتىن «بىللە چۈشكەن سۈرىتى» جەمئىيەت ئالاقە تورىنى قاپلىدى. ئالدىدىكى كۆرۈنۈش بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ رايونىنىڭ سىخەي بازىرىغا جايلاشقان جيۇيەنلوۋ سەددىچىن سېپىلى؛ يىراقتىكىسى چاۋياڭ رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭدىكى يەر بەلگىسى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى «جۇڭگو زۈن» ئىدى.

 كىشىلەرنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئون يىل ئىلگىرى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC)نىڭ 22- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىن مەزگىلىدە، كۈز، قىش پەسلىدە دائىم تۇمان- تۈتەك قاپلاپ تۇرىدىغان بېيجىڭ سۈزۈك، گۈزەل كۆك ئاسماننى كۈتۈۋالدى.

 «ئاشۇ بىرنەچچە كۈندە ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولدى، ئەينى چاغدا بەزىلەر: بۇ <APEC كۆكى> ئۇزاققىچە داۋاملىشالامدۇ، دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا، بۇ ھەرگىزمۇ قىسقا مۇددەتلىك كۆك ئاسمان ئەمەس، نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈلۈك كۆك بولىدۇ، دەپ جاۋاب بەردىم.» بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئەينى يىلدىكى بۇ تەپسىلات ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلەپپۇزى قەتئىي بولدى.

 «APEC كۆكى»دىن ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان «بېيجىڭ كۆكى»گىچە، بۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات تەدبىرى ئارقىلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە تۈرتكە بولۇشتىكى بىر بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى.

 ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيلىك خارابلىشىدۇ.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى. «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى»دىن ئىبارەت ئىككى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ئېلان قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سى بەرپا قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ بۇلغىنىشقا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىدى.

 چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك.

 چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ كەسكىن ئېكولوگىيە- مۇھىت ۋەزىيىتى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئېچىنغان ھالدا ئانا دەرياغا «كېسەل تېگىپتۇ، كېسىلى خېلى ئېغىر ئىكەن» دەپ سۈپەتلىگەنىدى.

 2016- يىلى 1- ئايدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى چۇڭچىڭدا ئېچىلدى، «كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق» قائىدىسى ئېنىق تۇرغۇزۇلدى.

 يېقىنقى سەككىز يىلدا، باش شۇجى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى باش تېما قىلغان سۆھبەت يىغىنىنى تۆت قېتىم ئېچىپ، ئانا دەرياغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ھېسسىياتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

 دەريا بويىدىكى خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى تاقاش، ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش، يۆتكەش، يۇندى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، دەرياغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى مەنبەدىن تەكشۈرۈپ تۈزەش، «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىش... تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، سىستېمىلىق داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 بۈگۈنكى كۈندە، ئانا دەريا «ئېغىر كېسەلدىن دەسلەپكى قەدەمدە ساقايدى»، «يېشىللىق مىقدارى» بارغانسېرى ئاشتى. چاڭجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدىكى سۇ سۈپىتى مۇقىم ھالدا 2- تۈرنى ساقلاپ، ھاياتىي كۈچى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە.

 ئۆزگەرگىنى پەقەت چاڭجياڭ دەرياسىلا ئەمەس. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بىر قاتار مۇھىم نۇقتىسى بار، سالمىقى بار، ئۈنۈمى بار مۇھىت تۈزەش ھەرىكىتىگە سىجىل كۈچ چىقىرىلدى −

 2018- يىلى 6- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى؛ 2021- يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، «قەتئىي» بولۇشتىن «چوڭقۇر» بولۇشقىچە، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى.

 كۆك ئاسماننىڭ دائىملىق بولۇشى ئۈچۈن، 2013- يىلىدىن باشلاپ، ئۈچ «ئاتموسفېراغا دائىر ئون تەدبىر» ھۆججىتى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، قانۇنچىللىق، بازار، پەن- تېخنىكا، سىياسەت «بىرىكمە مۇشت»ى ئېتىلدى − مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەبلىغىدىن جەمئىي 200 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك چۈشۈرۈلدى؛ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈلگەن، نىتراتسىزلاشتۇرۇلغان، چاڭ- توزاننى تۈگىتىش توك باھاسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىلىدىغان توك باھاسى سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پاكىز كۆمۈر ئېلېكتىرى بازىسى بولۇپ قالدى؛ باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى كارخانىلارنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش بويىچە ئۆزگەرتىشىنى كۈچلۈك قوللىدى.

 زۇمرەتتەك سۇلارنىڭ توختىماي ئېقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، نۇرغۇن دەريا، كۆلدە «باشقۇرىدىغان ئادەم بولماسلىق»تىن «باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش»قا، «باشقۇرالماسلىق»تىن «ياخشى باشقۇرۇلۇش»قا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداشتىكى بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلاندى.

 يۇرت- ماكاننى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، «ئەخلەتسىز شەھەر» قۇرۇشنى باشلىدى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇردى، دۆلىتىمىز قاتتىق تاشلاندۇقلارنى «ئىمپورت قىلماسلىق» نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى.

 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە سىجىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى −

 ئاسمان تېخىمۇ كۆك بولدى، ھاۋا ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى، دۆلىتىمىز يەرشارى بويىچە ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت بولۇپ قالدى؛

 سۇ تېخىمۇ سۈزۈكلەشتى، دەريا- كۆللەرنىڭ قىياپىتى تۈپتىن ياخشىلاندى، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ سۈپىتى كەسمە يۈز نىسبىتى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتى؛

 تۇپراق تېخىمۇ پاكىزلاشتى، تۇپراق مۇھىتى خەۋپ- خەتىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلۇپ ۋە تىزگىنلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ- دەريالىرى تېخىمۇ كۆپ يېشىل تۈس ئالماقتا.

 بۈگۈنكى كۈندە، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيە تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى، دۆلىتىمىزدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى.

 تۈزۈم كاپالەتلىك قىلىپ، بىللە ئۆتۈش يولى ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى

 ھەر يىلى 5- ئايدا، «ئېگىزلىكتىكى زېرەكچاق» شىزاڭ بۆكىنىنىڭ يىلدا بىر قېتىم كۆچۈش، تۆللەش پەسلى باشلىنىدۇ. ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىدىكى كۆكشىل رايونىدا ئۆتكەن- كەچكەن ئاپتوموبىللار يىراقتا توختاپ، چىڭخەي- شىزاڭ تاشيولىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شىزاڭ بۆكەنلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول بېرىۋاتقان بۇنداق ئىناق، تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

 نۆۋەتتە، بۇ يەردىكى شىزاڭ بۆكىنى تۈر توپىنىڭ سانى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى 20 مىڭغا يەتمەيدىغان ھالەتتىن ئەسلىگە كېلىپ كۆپىيىپ 70 مىڭدىن ئاشتى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بويىچە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي ئۈلگىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

 دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. 2013- يىلى پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن 2015- يىلى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئارقا- ئارقىدىن قانات يايدۇرۇشقىچە، ئاندىن 2021- يىلى 1- تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىسىدىن بەشى رەسمىي تەسىس قىلىنىشقىچە، بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت باغچىسى سىستېمىسى بەرپا قىلماقتا.

 1- تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىلىرى يارقىن «نەتىجە قەغىزى» تاپشۇردى: ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىدا چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قوغداش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىدا ئېكولوگىيە كارىدورى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، %70تىن ئارتۇق ياۋا مۈشۈكئېيىق قوغدالدى؛ ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسىدا يۈشېن مۈڭگۈزلۈك چارپاقىسى قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى تۈرلەر يېڭىدىن بايقالدى...

 سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغداشتا، ئىسلاھاتتا تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىت كۆز قارىچۇقىمىز ئاسرالغاندەك ئاسرالدى.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى، ئارقىدىن يەنە «ئوتلاق»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى.

 2021- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، بۇ يەرگە <قۇم> دېگەن سۆزنى قوشۇش كېرەك».

 «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشتا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەش، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش كېرەك، بۇ، بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

 ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشتا، «بىرتۇتاش پىلانلاش» دېگەن سۆزنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «بىرتۇتاش پىلانلاش» ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى ۋە كۈچەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىرتۇتاش پىلانلانغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئادەم بىلەن تەبىئەت چېگراسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا.

 دۆلىتىمىز «ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە»نى ئومۇميۈزلۈك بېكىتىپ، مەملىكەت بويىچە دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشنىڭ «بىر پارچە خەرىتىسى»نى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، تۇرمۇش بوشلۇقى ياشاشقا باب كېلىدىغان، مۇۋاپىق بولغان، ئېكولوگىيە بوشلۇقى تاغ- دەريالىرى گۈزەل بولغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.

 دۆلىتىمىز يەنە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى تۈزۈمىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇھىم، ئېكولوگىيەسى ئىنتايىن ئاجىز ھەمدە يوشۇرۇن مۇھىم ئېكولوگىيە قىممىتىگە ئىگە رايونلارنى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىر قىزىل سىزىق ئارقىلىق مۇھىم ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغىچە، قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قىزىل سىزىقى كۆلىمىنىڭ قۇرۇقلۇق زېمىنى كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن ئاشتى.

 سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغداشتا، تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇقنى باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش، كۆك ئاسماننى قوغداپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈزۈم قاتتىق چەكلىمە ۋە تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق سىمغا ئايلاندى.

 ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش- ئەمەلىيلەشتۈرەلمەسلىكنىڭ ئاچقۇچى رەھبىرىي كادىرلاردا، تۈپ نېگىزى تۈزۈم كاپالىتىدە.

 بىر قىسىم جايلارنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى جايىدا بولماسلىق، ئىجرا قىلىشى قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى باھالاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكلەرنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى تەدرىجىي قاتتىق چەكلىمىگە ئايلاندۇردى.

 چىليەنشەن تېغى ئېكولوگىيەسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش، چاڭبەيشەن خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا گولف توپ مەيدانى ياساش ۋە داچا سېلىش، خەينەندىكى بەزى جايلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېڭىزنى دائىرىگە ئېلىپ تىندۇرۇپ ئېچىش، ديەنچى كۆلى چياڭياۋشەن تېغىنى زىيادە ئېچىش... ئېكولوگىيە- مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بۇ تىپىك مەسىلىلەرنى بىر- بىرلەپ ھەل قىلىشتا تايىنىلغىنى مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «ئۆتكۈر شەمشەر» بولدى.

 مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئاشكارىلاش، جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك سۈرۈشتۈرۈش، تۈزەش يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈش... مەركەز ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا دادىللىق بىلەن قىيىنىغا تېگىش قىلىنىپ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقماي، مەسىلىنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇش ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر بولۇپ قالدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قاتار تۈزۈم، تەدبىرلەرنىڭ كۈچلۈك قوغدىشى بىلەن، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەۋلادلارغا تاغ- دەريالىرى گۈزەل ئېكولوگىيەلىك بوشلۇق قالدۇردى.

 تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭى جۇلالاندۇرۇلدى

 ياز كۈنلىرى، تاغ، ئورمانلىقتىكى يىغىلىپ قالغان قارلار ئېرىدى، تۈركۈم- تۈركۈم ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ داشىڭئەنلىڭ ئورمانچىلىق رايونى بىر يىلدىكى ئەڭ ئاۋات مەزگىلنى كۈتۈۋالدى.

 2021- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىغا كېلىپ، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئورمانچىلىق رايونىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى باش شۇجىغا ئورمانچىلىق رايونىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ئورمانچىلىق ئىشچىلىرى ئىلگىرىكى «دەرەخ كەسكۈچى»دىن «دەرەخكە قارىغۇچى»غا ئۆزگەردى، 2018- يىلى ئورمان رايونىدىكى ئورمان ۋە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئومۇمىي قىممىتى 615 مىليارد 974 مىليون يۈەنگە يەتتى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «سىز تىلغا ئالغان بۇ ئېكولوگىيە ئومۇمىي قىممىتى دەل يېشىل GDP ئۇقۇمى بولۇپ، بۇ، ئېكولوگىيەنىڭ ئەسلىدىنلا قىممىتى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دەل- دەرەخنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى بار بولۇپلا قالماي، يەنە يېشىل ئۆپكە ئۈنۈمىمۇ بار، تېخىمۇ مۇھىمى ساياھەتچىلىك، ئورمان ئىقتىسادى قاتارلىقلارنى يارىتىدۇ».

 يېشىللىقنى كۆپەيتكەنلىك ئەۋزەللىكنى كۆپەيتكەنلىك، ئورماننى قوغدىغانلىق بايلىقنى قوغدىغانلىق. بۈگۈنكى كۈندە، ئورمانچىلىق رايونى ئورمان ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشقا، ئورمانچىلىق رايونى يەنە قارامور ئۆستۈرۈش، قېيىن دەرىخى شەربىتى ئىچىملىكى پىششىقلاش قاتارلىق ئورمان كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بۇ يەردە ھەقىقىي بايلىققا ئايلاندى.

 ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچە، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە بايلىقى، شۇنداقلا جەمئىيەت بايلىقى، ئىقتىسادىي بايلىق.

 ئىسلاھات كۈچى بىلەن، تەرەققىيات بىلەن قوغداش ماس بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ بايلىققا ئايلاندۇرۇلۇش يولى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ياخشى ئېكولوگىيە، ياخشى تاغ- دەريالار «قىممەتلىك گۆھەر»گە ئايلاندۇرۇلدى.

 بۇ يىل 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، «ئېكولوگىيەنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، مەنپەئەتلىنىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ، سېلىنما سالمىقى ئەڭ زور بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ھېسابلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئورمانچىلىق كاربون بېلىتى سودىسى، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولدى.

 گەنسۇدا، ئىلگىرى تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان چارۋىچىلار بۈگۈنكى كۈندە باشقۇرغۇچى- پەرۋىش قىلغۇچىغا ئايلاندى؛ خۇنەندە، بېلىق تورىدىن قول ئۈزگەن بېلىقچىلار بېلىق قوغداش ئەترىتىگە قاتناشتى؛ جېجياڭدا، يېزا- كەنت ساياھىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى پۇقرالارنى تېخىمۇ بېيىتتى، ئېكولوگىيەنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى... دۆلىتىمىز ھازىر ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت «قوش پايدا ئېلىش» يولىدا ماڭماقتا.

 يەرشارى كىلىماتى ئىللىپ كېتىشتەك كەسكىن خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو دۇنياغا مۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى: كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030- يىلىدىن بۇرۇن تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزىمىز، 2060- يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

 دۆلىتىمىز كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، «قوش كاربون» نىشانىدىكى «1+N» سىياسىتىنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

 2021- يىلى 7- ئايدا، مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرى رەسمىي ئېچىلىپ، يەرشارى بويىچە قاپلىغان پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى ئەڭ چوڭ كاربون بازىرى بولۇپ قالدى. 2024- يىلى 1- ئايدا، مەملىكەت بويىچە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئازايتىش سودا بازىرى ئېچىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەر پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ھەرىكىتىگە ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى خەلق ئاممىسى ئورتاق قاتنىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 بۈگۈنكى كۈندە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئىدىيەسى ۋە شەكلى ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە.

 بۇ يىل 5- ئايدا، چۇڭچىڭ ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى خەلققە تۆۋەن كاربون ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويدى، شەھەر ئاھالىلىرى «تەنخۇيتۇڭ» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق كودنى بىۋاسىتە سىكاننېرلاپ ياكى ئاممىۋى قاتناش كارتىسىغا باغلاپ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسا بولىدۇ، «تەنخۇيتۇڭ» سۇپىسى كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈنۈمىنى ئاپتوماتىك مىقدارلاشتۇرغاندىن كېيىن، كاربون جۇغلانما نومۇرى بېرىدۇ، ئاندىن كاربون جۇغلانما نومۇرىنى سۇپا جۇغلانما نومۇر سودا شەھەرچىسىدە ئاممىۋى قاتناش بېلىتىگە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەيدۇ.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىك GDPسىنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى %35تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆمۈر ئېلېكتىرىدىن ئېشىپ، دۆلىتىمىز كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تۈرتكە بولغۇچى، تۆھپە قوشقۇچى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالدى.

 گۈزەل جۇڭگو تەدرىجىي يېقىنلاشماقتا. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، جۇڭگو ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125