ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 220 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
10:44:44 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.4 ئاشتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 220 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.4 ئېشىپ، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

 ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئەتراپتىكى دوستانە دۆلەتلەر بىلەن ھەرقايسى ساھەدىكى كەڭ ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى كۈنسېرى نامايان قىلدى.

 ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا سىرتقا ئېچىۋېتىشتە ئىچكى- تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى چوڭ يول بولۇش رولى كۈنسېرى گەۋدىلىنىش، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش شەكلى ئۈزلۈكسىز مۇقىم بولۇش، ئەلا بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەش ھەم «ئىككى بازار» «ئىككى خىل بايلىق»تىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بارلىققا كەلگەن.

 ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ يەرشارىدىكى 205 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان. مۇقىم ھالدا ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرىدىغان سودا ھەمراھ دۆلىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.8، %8.7 ئاشقان.«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى(RCEP)گە ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.6، %23.9 ۋە %347.6 ئاشقان.

 پورت بار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئىچكى قىسىمدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدا «بىر- بىرىنى قوغلىشىش» ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %102.8 ئاشقان. قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاشقى سودىسى بۇنىڭ كەينىدىلا بولۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.2، %9.9، %28.6 ئاشقان.

 ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى پورتلاردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇپ ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 39 مىليون 338 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئاشقان. شىنجاڭدىكى ھەر خىل ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت شەكىللىرى ئىمپورت- ئېكسپورتنىڭ «سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش»قا بەس- بەستە كۈچ چىقارغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشيول، سۇ يولى، تۆمۈريول ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بويىچە ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8، %257.2، %62.4 ۋە %18 ئاشقان.

 جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى. 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سودا قىممىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تەدرىجىي ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى جەمئىي 72 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %33ىنىئىگىلىدى. قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى جەمئىي 95 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.1 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %43.2ىنى ئىگىلىدى. چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى، ئادەتتىكى سودا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ خىل سودا شەكلى تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا ئىمپورت- ئېكسپورت جەھەتتە ئەمەلىي نەتىجە ياراتقان تاشقى سودا كارخانىسى %20.7 كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت جانلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بازارغا ئۇيغۇنلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.6 ئېشىپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %93.3ىنى ئىگىلىدى، تاشقى سودىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125