ئاپتونوم رايونىمىزدا يېشىل كاندىن يەنە 41ى كۆپەيدى
10:49:37 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا جەمئىي 41 كان ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل كانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا يېشىل كاندىن جەمئىي 152سى قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكتىن 61ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 91ىبار.

 ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا تىزىملىككە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلگەن يېشىل كانلار نېفىت- تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر كانلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 20نى ۋە 12نى ئىگىلەيدۇ، نېفىت- تەبىئىي گاز ئاساسلىقى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تۇرپان- قومۇل ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن،كۆمۈر كانلار ئاساسلىقى قومۇل شەھىرىگە تارقالغان بولۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى ئاساس قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۆمۈر كاندىن تۆتى، مىس- نىكېل كاندىن تۆتى، مايلىق قۇم كاندىن بىرى بار.

 «ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، نۇقتا بىلەن دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن يېشىل كان قۇرۇلۇشى ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدا پەن- تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش تىپىدىكى بىر تۈركۈم يېشىل كان ئۈلگىلىرى تىكلىنىپ، كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ يېشىل كان قۇرۇش ئاكتىپلىقى يەنىمۇ ئاشتى، بولۇپمۇ دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كانچىلىق كارخانىلىرى يېتەكچىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭدا يېشىل كان قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كان رايونىنىڭ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ مۇھىتىغا بولغان تەسىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىگەن، قىسمەن كانلاردا ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە شەكىللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم گەۋدىلىك بولغان؛ ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر- سەنئەت ۋە ئۈسكۈنىلەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى ھەم ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن، كانچىلىق كارخانىلىرى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئاشقان. كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچىيىپ، كان رايونى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلغان، بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت ئۈنۈمى ئاشقان.

 كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى يېشىل كان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشى تەلىپى ۋە تاللاش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشى بويىچە ئىز قوغلاش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، يېشىل كانلارنى نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، كۆپ خىل ۋاسىتىنى قوللىنىپ، نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125