شىنجاڭدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سۈرئىتى يېرىمدىن ئاشتى
10:53:04 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ھەم بازارنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولغان. 7- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، شىنجاڭدا 1 مىليون 852 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىنغان، جەنۇبىي شىنجاڭدا سېتىۋېلىش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن، شىمالىي شىنجاڭدا سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن سېتىۋېلىش سۈرئىتى يېرىمدىن ئاشقان.

 سېتىۋېلىش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل تېز بولۇپ، تاماملانغان سېتىۋېلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 750 مىڭ توننا ئاشقان. سېتىۋېلىش ئاساسىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا، يەرلىك دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش- سېتىش كارخانىلىرى 1 مىليون 266 مىڭ توننا سېتىۋالغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %68.4 بولغان؛ پىششىقلاش كارخانىلىرى 291 مىڭ توننا سېتىۋالغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %15.7 بولغان؛ جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبارلار 185 مىڭ توننا سېتىۋالغان بولۇپ،ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 بولغان؛ باشقا كارخانىلار 109 مىڭ توننا سېتىۋالغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %5.9 بولغان. ئاپتونوم رايون بويىچە 3- دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 2.46 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل تۆۋەن بولغان.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇش، ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار بولۇش، ئاشلىق توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بولۇش، ئاشلىقنى گۈللەندۈرىدىغان كەسىپ بولۇش، ئاشلىقنى قوغدايدىغان قانۇن بولۇش»نى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئاشلىق سېتىۋېلىش بويىچە ئەنگە ئالدۇرغان 450 كارخانا پائال بازارغا كىرگەن، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 11 مىليارد 600 مىليون يۈەن كىرېدىت مەبلىغىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىۋېلىش سۇبيېكتلىرىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتقان. ھەرقايسى جايلار يەنە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تازىلاش، قۇرۇتۇش، يىغىپ ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، زىياننى ئازايتىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى؛ سېتىۋېلىش- ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىلغار، مۇۋاپىق كېلىدىغان تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنى ئەمەلىي قوللىنىپ، ئامباردا ساقلاشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئاشلىق زاپاس ساقلاش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دىڭ باۋدېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭ بويىچە ئاشلىق ساتىدىغان ئامما «ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش» مەسىلىسىنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، دەرىجە- باھانى تۆۋەنلىتىش، نەملىك، ئارىلاشما تەركىبكە كۆپ چىقىرىۋېتىش، «ئاق ھۆججەت بېرىش» قاتارلىق ئاشلىق ساتىدىغان ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر كۆرۈلۈشىنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زاپاس ساقلاش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، زاپاس ساقلاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تۈرى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق بازىرىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125