كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسى تىكلەندى، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئالغا ئىلگىرىلىدى
10:57:43 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويغانلىقىغا نەزەر

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

 شىنجاڭ تۇڭچېنفەن خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئەشىيا ئوبوروتى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ پورت مەسئۇلى لى جيەنلۇڭ تاشقى سودا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى ئون نەچچە يىل بولدى. 2016- يىلى تورغات پورتىدا دائىملىق تۇرغاندىن بۇيان، ئۇ تۇرۇشلۇق شىركەتنىڭ ئېكسپورت سودا سوممىسى ھەريىلى %5تىن يۇقىرى سۈرئەتتە مۇقىم ئاشتى.

 «بۇ يىللاردا، پورتتىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولدى، تىجارەت- سودا مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تېخىمۇ قولايلاشتى.» لى جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تورغات تاشيول پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسى 12 تۈردىن تۆت تۈرگە ئازىيىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى %70 قىسقاردى.

 «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى دەل شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتىكى ئىسلاھات نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.

 ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىش بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باھار دولقۇنىنى قوزغىدى. شىنجاڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھات تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

 نۇقتىلىق تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ، ئۈل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى

 غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، شىنجاڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان روھ بىلەن ئۈل ئەسلىھە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تۈزۈلمە- مېخانىزم جەھەتتىكى توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلاش داۋامىدا، شىنجاڭ تۇنجى قەدەمنى ئاسىيا- ياۋروپانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان چېگرا ھالقىغان قاتناش تورى قۇرۇلۇشىغا بېكىتتى.

 6- ئايدا، G315 لىنىيەسىدىكى توپادىن تورغات پورتىغىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى يول ئۇلى ياساشتىن يول يۈزىنى ياتقۇزۇشقا ئۆتتى، قۇرۇلۇشچىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتتى.

 بۇ تۈر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەككە سېلىنمىسى ئەڭ زور بولغان قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

 توپا- تورغات تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە 1- دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى قوللىنىلىپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 2025- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن تورغات پورتىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈپ، يول بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلىنىدۇ.

 توپا- تورغات تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى پەقەتلا شىنجاڭ پائال بەرپا قىلىۋاتقان ياۋروپا- ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان تور تۈرىنىڭ بىرى.

 بۇ يىل، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 272 كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو تارباغاتاي باقتۇ _ قازاقىستان ئاياگۇز تۆمۈريولىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاندى. پىلان بويىچە، بۇ قوش رېلىسلىق تۆمۈريول 2027- يىلى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، يېڭى تۆمۈريول لىنىيەسى قازاقىستاننىڭ ئېكسپورت مىقدارى ھەمدە رۇسىيەدىن جۇڭگوغا توشۇلىدىغان ماللارنى ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىكەن.

 بۇ يىل 6- ئايدا، جۇڭگو _ قىرغىزىستان _ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىدا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتتى. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 118ىئېچىلدى؛ شىنجاڭدىن ياۋروپاغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى؛ لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭدىن ئالاتاۋغىچە بولغان بۆلىكىدە 2- لىنىيە كۆپەيتىپ قۇرۇلدى؛ پۈتۈن شىنجاڭدىكى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى 25كە يەتتى، خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەمئىي 22 بولۇپ، 14 دۆلەتتىكى 19 شەھەرگە قاتناپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقتىكى قىسمەن شەھەرلەرنى قاپلىدى.

 نۆۋەتتە، شىنجاڭ جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان، جۇڭگو- پاكىستان، جۇڭگو- قازاقىستان چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، قورغاس، ئالاتاۋدىن ئىبارەت ئىككى تۆمۈريول پورتى ئاساسىدا، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن تۆمۈريول تىرانسپورت يولىنى كۆپەيتىشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ يىل G216 لىنىيەسىدىكى خۇڭشەنزۇيدىن ئالتايغىچە، S319 لىنىيەسىدىكى بۇرچىندىن جېمىنەي پورتىغىچە بولغان تاشيولنى پۈتكۈزىدۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تاماملايدۇ.

 پورت قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتى

 شىنجاڭدىكى 18 پورت تەبىئىي ھالدا ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇقلۇق دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.

 قانداق قىلغاندا پورتلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

 شىنجاڭ سودىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتى، پورت قۇرۇلۇشى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئۈچ يىللىق خىزمەت لايىھەسىدىن ئۈچنى ئارقا- ئارقىدىن تۈزۈپ چىقتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشقا دائىر بىر قانچە تەدبىر، ئىچكى- تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى تۈزۈمىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى تۈزۈم ھۆججىتىنى چىقاردى.

 بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ پورتنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا. بەدەل پورتى سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلەتتى، قونجىراپ پورتى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتتى، غۇلجا ئاۋىياتسىيە پورتى دۆلەتنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى تاماملىدى. قورغاس، ئالاتاۋ (تاشيول، تۆمۈريول) پورتى ۋە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى دۆلەتنىڭ ئاقىل پورت نۇقتىدا سىناق قىلىش تەستىقىگە ئېرىشتى.

 شىنجاڭدىكى پورتلار نوقۇل مال ئۆتكۈزۈش يولىدىن، ئۈزلۈكسىز گىرەلىشىدىغان پورت فۇنكسىيەسى ئارقىلىق «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ مۇھىم ھالقىسىغا ئايلاندى.

 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاچىلانغان بەش يۈك ئاپتوموبىلى شېنجېندىن ئالاتاۋ پورتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك شىركىتى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاشنى تاماملاپ، بىۋاسىتە دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى پورتى (ئالاتاۋ) كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئاپتوموبىللار ئاقىل كارتا ئېغىزى ئارقىلىق، كارتا سۈركىگەندىن كېيىن چېگرادىن چىقتى. بۇ ئەندىزە 2023- يىلى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان «تاشيول پورتى+ تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتىدۇر.

 ئىسلاھاتتىن ئىلگىرى، ماللارنى تەۋەلىكتىكى تاموژنىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، مال دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشتىن بۇرۇن، پورت تۇرۇشلۇق جايدىكى تاموژنا يەنە ئىككىنچى قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باراتتى، بۇ، تۇرۇش ۋاقتى ۋە قاچىلاش- چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنى بىر قېتىم كۆپەيتكەنلىكتىن دېرەك بېرەتتى، ھەتتا ماللارنى ساندۇقتىن چىقىرىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.

 ئىسلاھاتتىن كېيىن، ئالاتاۋ تاشيول پورتىنىڭ ئىمپورت ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسى ئىلگىرىكى توققۇز تۈردىن تۆت تۈرگە ئازايتىلدى، ئېكسپورت ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسى 12 تۈردىن تۆت تۈرگە ئازايتىلدى، ئېكسپورت ماللارنى تاموژنىدا يۆتكەش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسى ئىلگىرىكى سەككىز تۈردىن ئۈچ تۈرگە ئازايتىلدى، ئازايتىلىش نىسبىتى %62 بولدى. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئوتتۇرىچە 34.5 سائەتتىن ئوتتۇرىچە بەش سائەتكە ئازايتىلدى، ئازايتىلىش نىسبىتى %85.5 بولدى.

 بۇ ئىسلاھات ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. «ئىلگىرىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىدە، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىسكىلاتىدا قاچىلاش- چۈشۈرۈش، جىڭلاش، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش، پېچەت سېلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ھالقىلارنى تاماملاشقا توغرا كېلەتتى، ساقلاش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق ئىدى.» ئالاتاۋ تۈگۈن نۇقتىسى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خا جېنشىن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كەسىپ مىقدارىمىز بۇلتۇرقىدىن %40 ئاشتى.

 بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىسلاھات ئەندىزىسى شىنجاڭ بويىچە ئۈچ تاشيول پورتىدا يولغا قويۇلدى.

 ئىسلاھات تەدبىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، شىنجاڭ نۇقتىلىق تاشيول پورتلىرىنىڭ ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى باسقۇچلۇق سىناق تەرىقىسىدە ئۇزارتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پورتلارنىڭ «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىشنى قوللاپ، يەنە پورتلارنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پورت ھەققىنى ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى.

 2023- يىلى، شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 74 مىليون 707 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشتى.

 تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇلۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

 شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش داۋامىدىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.

 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 توننا باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ C6655 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئوڭۇشلۇق قاچىلاندى. بۇ، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى قاچىلاش كەسپىنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى قاچىلاش كەسپى ئوخشاش تۈردىكى كەسىپلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تېز بولۇش رېكورتىنى يارىتىپ، كەسپ زەنجىرى ۋە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش جەھەتتىمۇ مەملىكەت بويىچە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايرودۇرۇمى تاموژنىسنىڭ باشلىقى خۇ جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خىل تۇرۇبا ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان خام نېفىتتىن تارتىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى ئېكسپورت قىلىشقىچە پۈتۈن زەنجىر ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر ئۆلكە ئىچىدە تاماملىنىدۇ، بۇ يەنە مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئىش. ئۈرۈمچى تاموژنىسىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى نېفىت ئىمپورت قىلىش، نېفىت ئايرىش، پىششىقلاش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، ئاۋىياتسىيە مېيى قاچىلاش، ئېكىسپورتنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان تاموژنا «بىر بېكەت شەكلى»دىكى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.

 باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى قاچىلاش ئارقىلىق، خەلقئارا يولۇچى ۋە يۈك توشۇش لىنىيەلىرى ھەر توننا ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيىدىن %13 ئەتراپىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بۇ ھەرىكەت ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئايروپىلانلارنى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا توختاپ ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى قاچىلاشقا جەلپ قىلىپ، بۇ ئايروپورتنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىشقا ئاساس سالدى.

 شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ سىستېمىلىق پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى 60 تۈرلۈك ۋەزىپە ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجە ۋە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. تەستىقلانغاندىن بۇيان، ئەركىن سودا سىناق رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا 5000دىن ئېشىپ، كارخانا ئومۇمىي سانى 25 مىڭغا يەتتى.

 7- ئاينىڭ 3- كۈنى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەخسۇس رايونىدا، قورغاس ۋەنشىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جيەنۋېي يېڭىلا بېجىرگەن تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى.

 «مەن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توردا تاپشۇردۇم، ئاندىن كىملىك ۋە شىركەت ئادرېسىدىكى ئىجارە توختامىنى ئېلىپ كۆزنەككە كەلدىم، نەچچە مىنۇتتىلا تىجارەت كىنىشكىسىنى قولۇمغا ئالدىم» دېدى لى جيەنۋېي. ئۇ ئىمپورت قىلىپ پىششىقلاش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەييارلىق قىلغان بولۇپ، تەكشۈرگەندىن كېيىن قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلىشىشنى تاللىدى.

 قورغاس سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى دائىرىسىدە خەۋەرلەندۈرۈش- ۋەدە بېرىش تۈزۈمى، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىپ بېجىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كىنىشكا ۋە گۇۋاھنامىنى بىرلىكتە بېجىرىش، توپلاشتۇرۇپ ئەنگە ئېلىشنى قانات يايدۇردى.

 بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 72 مىليارد 820 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 10 مىڭدىن بىر ئەتراپىدىكى كۆلىمى ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %33ىنى ئىگىلەيدىغان ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رول ئوينىدى.

 ئېچىۋېتىش ئىشىكى كېڭەيتىلدى، ئىسلاھات يولىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ غەربكە ئېچىۋېتىش يولىدا پۇختا مېڭىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەرتىپ، قائىدە- تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125