ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مايگۈل ئايتقازى) 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ جۇڭخۇا تىياتىرخانىسىدا مۇزىكا سادالىرى ياڭراپ، ئۇسسۇللار ئوينىلىپ، «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»دىن كەلگەن خۇشاللىق، بەخت نەق مەيداندىكى ھەر بىر تاماشىبىننى تەسىرلەندۈردى، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى تىياتىر ئىككىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇشنىڭ تۇنجى بېكىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينالدى.
«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى تىياتىرنىڭ تەشۋىقات ئېلانى. (سۈرەتنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)
يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى جانلىق نامايان قىلىش ئۈچۈن، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش، شىنجاڭنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە كىرگۈزۈش» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇش باشلاندى.
«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى تىياتىرنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە ئوينىلىۋاتقان نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مايگۈل ھېيتغازى فوتوسى
«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تىياتىر 7- ئاينىڭ 19- كۈنى شېنياڭ شەھىرىدىكى جۇڭخۇا تىياتىرخانىسىدا داۋاملىق ئوينىلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)