شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق توك سېتىش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى
12:16:31 2024-07-19 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى 104 مىليارد 202 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.16 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئېشىش نىسبىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ 27 ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى.

 مۇخبىرنىڭ 7- ئاينىڭ 17- كۈنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتە سېتىلغان توك مىقدارىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ 2- كەسىپتە سېتىلغان توك مىقدارى 68 مىليارد 252 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 مىليارد 73 مىليون كىلوۋات سائەت ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %25.98 بولۇپ، ئومۇمىي سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ %65.50ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى «پاراۋۇز»غا ئايلانغان.

 كونكرېت ساھەلەردە سېتىلغان توك مىقدارى سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ سانائەت، قونالغۇ ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپى، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى، قاتناش- تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھەسىدە توك سېتىلىش مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %26.58، %22.84، %21.08 ۋە %20.05كە يېتىپ، تىجارەت، تەرەققىيات يۈزلىنىشى سىجىل ياخشى بولغان.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كىرېمنىي ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياجى كۈچەيدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ شىنجاڭدىكى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان توك ئېھتىياجىمۇ تېز ئاشتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش رايونىدىكى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان 22 كارخانا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جەمئىي 16 مىليارد 512 مىليون كىلوۋات سائەت توك سېتىۋالغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8 مىليارد 656 مىليون كىلوۋات سائەت ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %110.18 بولغان.

 ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىپادىسى كۈچلۈك بولۇپ، باغلىنىشلىق ساھەلەرنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، قاتناش- تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى، قونالغۇ ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپى، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا سېتىلغان توك مىقدارى جەمئىي 8 مىليارد 133 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2023- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكىدىن 1 مىليارد 407 مىليون كىلوۋات سائەت ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %20.91 بولغان.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى دىققەتنى شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى، رايون تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، بۇ شىركەت ئاھالىلەر ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانا خېرىدارلىرىنى «ئۈچ نۆل» مۇلازىمىتى بىلەن، 3900 ئوتتۇرا، چوڭ كارخانىنى «ئۈچنى تېجەش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ تەخمىنەن 280 مىليون يۈەن توك ئىشلىتىشنى بېجىرىش تەننەرخىنى تېجەپ قېلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ يىل گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تۈردىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان تىپىك تەجرىبە- ئۇسۇللار توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا شىنجاڭنىڭ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تىپىك ئۇسۇلى تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئومۇمىي خېرىدار سانى 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 103 مىڭ 400 ئابۇنىچى كۆپىيىپ، ئومۇمىي سانى 12 مىليون 900 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاھالە ۋە سودا- سانائەت كەسپىدىكى ئابۇنىچىلار سانىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 65 مىڭ 500ى ۋە 30 مىڭ 200ى كۆپەيگەن.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125