شىنجاڭدىكى يەنە ئىككى تۆمۈريولدا 10 مىڭ توننىلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى
13:19:05 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ) مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، لىنخې- قومۇل تۆمۈريولىدىن كېيىن، 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى- جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قىسمەن بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزىنىڭ مېڭىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، شىنجاڭدا 10 مىڭ توننىلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە قاتنىغان تۆمۈريول ئۈچكە يەتكەن.

7- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ماڭدۇرغان 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى ئۈرۈمچى- جياڭجۈنمياۋ تۆمۈر يولىدا كېتىۋاتماقتا. گۇەن بو فوتوسى

 شۇ كۈنى، شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالىدىن يولغا چىققان، 108 ۋاگوندا گۇرۇپپىلىنىپ، لىق كۆمۈر باسقان 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى ئۈرۈمچى- جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقىلىق سەنپىڭ ۋوگزالىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان بۆلىكىدىمۇ 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى ئوڭۇشلۇق قاتنىدى.

 «ئىككى تۆمۈريول رايون بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە قاتنىدى، نۇقتىلىق لىنىيەلەردە يۈك توشۇش، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يازلىق يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە كۆمۈر توشۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ»، دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى توشۇش بۆلۈمى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تۇڭ جېنخۇا.

 ئۈرۈمچى- جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 257 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ۋە شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 85 جۈپ پويىز قاتنايدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 101 جۈپكە يېتىدۇ، بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى بولۇپلا قالماي، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدىغان ئېنېرگىيە چوڭ يولى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى تارىم ئويمانلىقىنى ھالقىسىمان ئايلىنىدىغان تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 462 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ بۆلەكتە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 جۈپ پويىز قاتنايدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 29 جۈپكە يېتىدۇ، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125