«ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ئىكەن، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن»
12:20:04 2024-07-19 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

7- ئاينىڭ 17- كۈنى، جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى يەرشارىۋى تەتقىق قىلىپ ئېچىش- يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە، يېڭى تىپتىكى ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن جۇڭگولۇق ئايال كارخانىچىلار مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا پارامېتىرلىرىنى ئىگىلىمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)

 400دىن ئارتۇق ئايال كارخانىچى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى.

 ئايال كارخانىچىلار 7- ئاينىڭ 17- كۈنى جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كارخانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئۇلار بىر تەرەپتىن ماڭغاچ كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدىدى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىشتى.

 مەيلى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ياكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بولسۇن، مەيلى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ياكى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك بولسۇن، ئايال كارخانىچىلار ھەرقايسى ساھەلەردە كارامىتىنى نامايان قىلدى.

 شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سېتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن- تېخنىكىلارغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارا بىلەن ئۈزلۈكسىز جىپسىلىشىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى خۇكوۋ ناھىيەسى جيەنمىن دوختۇرخانىسىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ شۈيشيۇ مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت بۇ نامى يىراق- يېقىنغا تارالغان كارخانىغا كىرىپ، كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ كەتتى. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشىغا موھتاج، بۇ شىركەت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى پائال تارقىتىپلا قالماي، يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ قىممىتىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، مەن بۇنىڭغا ناھايىتى قايىل».

 جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا قاتار- قاتار يىرىك پاختا يىپلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چاچنىڭ تېلىدەك ئىنچىكە يىپقا ئايلاندى، ئۈسكۈنە يەنە پاختا يىپنى ئاپتوماتىك تازىلاش، يىپ ئۇلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ...

 كارخانا خىزمەتچىسى ئۈسكۈنىلەرنى تونۇشتۇرغاندا، ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئايال كارخانىچىلارنىڭ ھەممىسى ماختىشىپ كەتتى.

 خېبېي ئۆلكىلىك ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتى كاتىبات باشقارمىسى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پەن- تېخنىكىلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، بىزنىڭ كەسىپ زەنجىرىمىزنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنىدا ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغان نۇرغۇن پۇرسىتىمىز بار. بۇ قېتىم كاتىبات باشقارمىسى 30 نەچچە كارخانىنى ئۈرۈمچىگە ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق تۈرىدىكى كارخانىلارمۇ بار، شىنجاڭنىڭ پاختىسىدىن شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىقىغىچە، ئاندىن يەنە توقۇمىچىلىق ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرىگىچە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جەمئىيىتىمىزمۇ <كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك> بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنى خېبېيغا پائال تەۋسىيە قىلىدۇ».

 خېيلۇڭجياڭ خېگۇاڭ تۇڭخۇي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى فەن شىن گۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا پۇرسىتى ۋە پۇرسەتنى كۆزلەپ كەلدى.

 فەن شىن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ۋە شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، بۇ مەن تەكشۈرگەن بىر مۇھىم نۇقتا. خاربىن جياۋليەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كابېلى ياساش چەكلىك شىركىتى خېگۇاڭ تۇڭخۇي گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئېلېكتىرلىك ئېنېرگىيە كابېلى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە مۇلازىمەت، يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش، توك يەتكۈزۈش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش، تېخنىكا مۇلازىمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشتىكى مەقسىتىم، بىر تەرەپتىن دوست تۇتۇش، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار بايلىقلارنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت».

 لى رۇيخۇڭ چۇڭچىڭ رۇيخۇڭ شەھەر باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىم شىنجاڭغا ھەر تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈشكە كەلدى ھەمدە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار تۈرلەر، ئاقىل شەھەر ۋە تاشقى سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسىنى ئېلىپ كەلدى.

 لى رۇيخۇڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى دورىگەرلىك كارخانىلىرى ناھايىتى قالتىس، بىر تال ئەمەننى دانچە قىلىپ ياساپ چىقتى ھەم ئۇنى تونۇتتى. مەن شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، بىز بۇ كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش بازىسى ئىزدەپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بېرەلەمدۇق- يوق دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاندىم».

 لى رۇيخۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەركەز قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. پويىز چۇڭچىڭدىكى <چۇڭچىڭ- شىنجاڭ- ياۋروپا> خەلقئارا تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت چوڭ يولى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە، ئاندىن ئالاتاۋ پورتىغا بېرىپ، قازاقىستانغا كىرىپ، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، پولشادىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگقا بارىدۇ، شىنجاڭنىڭ <تىيانشان> ناملىق نۆۋەتچى پويىزىمۇ نورمال قاتنىدى، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ئىككى جاينىڭ بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىرلىكتە خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي، جيا مېڭيەن، لياڭ شۇفاڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125