«قانۇنچىل شىنجاڭ» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇش.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ «قانۇنچىل شىنجاڭ» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا، «<قانۇن ئۆگىنىش دارېنلىرى> ئايلىق مۇسابىقىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: توردا قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇندىن پايدىلىنىشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، «قانۇن ئۆگىنىش دارېنلىرى» ئايلىق مۇسابىقىسى سۇپىسى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن باشلاپ مۇسابىقە ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، باشلىنىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق «قانۇن ئۆگىنىش دارېنلىرى» ئايلىق مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ۋە كەڭ دىققىتىگە ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)