«ئۈرۈمچى مەشھۇر زاتلار كۆپ چىققان جاي ئىكەن، بۇ يەردە ئويلىمىغان نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق»
12:22:40 2024-07-19 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

7- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە، «جۇڭگودىكى ئايال كارخانىچىلار ئۈرۈمچىگە كىردى − يىپەك يولىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى سىزىپ چىقىش» باش تېما پائالىيىتىگە قاتناشقان ئايال كارخانىچىلار شىنجاڭنىڭ خاس تاتلىق- تۇرۇملىرىنى تېتىماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)

 ئىككى كۈندىن بۇيان، «جۇڭگودىكى ئايال كارخانىچىلار ئۈرۈمچىگە كىردى- يىپەك يولىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى سىزىپ چىقىش» باش تېما پائالىيىتىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق ئايال كارخانىچى ئۈرۈمچىگە جەم بولدى، ئۇلار دوستلار چەمبىرىكىگە ئەۋەتكەن ئۈرۈمچىنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ- ئادىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بىر تەرەپتىن تۈرلەرنى كۆزدىن كەچۈردى؛ بىر تەرەپتىن مەنزىرە تاماشا قىلىپ، بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ «تەشۋىقاتچىسى» ۋە «تەۋسىيە قىلغۇچىسى» بولدى.

 «تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپلا بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم»

 شەندۇڭدىن كەلگەن ئايال كارخانىچى لېڭ جىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، دوستلار چەمبىرىكىگە بەش قېتىم مەزمۇن يوللاپ، دوستلىرىغا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن دوستانىلىقىنى ھەمبەھرىلىدى.

 لېڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم، ئىككى كۈن بۇرۇن كېلىپ ئالدى بىلەن غۇلجىغا ساياھەتكە باردىم. ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇكى، شىنجاڭ ناھايىتى چوڭ ھەم گۈزەل ئىكەن، يول بويى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشىمدىكى مەقسەت كىيىم- كېچەك جەھەتتە ئىجادىيەت ئىلھامى ئىزدەش ئۈچۈن، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ بەزى ئامىللىرىنى قېزىپ چىقىپ ئۇنى يېڭى جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى كىيىم- كېچەكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىدىم، يەرلىك كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

 ئايال كارخانىچى سۈي شياۋلىنىڭمۇ ئوخشاشلا شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى، ئۇ ۋۇشى ئاكېلى پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى.

 سۈي شياۋلى مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى بىر كەلسىلا ئادەمنىڭ قايتىپ كەتكۈسى كەلمەيدىغان شەھەر ئىكەن. ماڭا بۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، مېۋە- چېۋىلىرى بەك تېتىدى، ئۈرۈمچىنىڭ بىر قىسىم بايلىق ئەۋزەللىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ يەرگە بولغان قىزىقىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۈرۈمچىدە ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى بار ئىكەن، بىزمۇ كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، يېڭى كەسىپلەرنى ئېچىشنى خالايمىز».

 بۇ قېتىم شېنياڭ ئايال كارخانىچىلار جەمىئىيىتىنىڭ باشلىقى، لياۋنىڭ شىنفېڭ ئۈنچە- مەرۋايىت، زىبۇ- زىننەت چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جەي شياۋسۇڭنىڭ شىنجاڭغا 5- قېتىم كېلىشى ئىدى.

 ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ياخشى جاي، زېمىنى مۇنبەت، بىپايان، بۇ يەر مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان مېھىرلىك تۇپراق. بۇ قېتىم مەن بىلەن بىللە كەلگەن ئايال كارخانىچىلار ئىچىدە يېزا ئىگىلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ بار، شىنجاڭدىكى كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي شىمالغا، شەرقىي شىمالنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمىز».

 ئۈنچە- مەرۋايىت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان جەي شياۋسۇڭ شىنجاڭدىكى قاشتېشى توپ سېتىش سودىگىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كەلدى، بۇ قېتىم ئۇ كارخانىلار بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭىشىشنى ئويلىدى.

 «ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتى تېز، پۇرسەت كۆپ ئىكەن»

 لىچۈن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش لىدىر دىڭ لىننىڭ ئۈرۈمچىگە 2- قېتىم كېلىشى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئۈرۈمچىدە ئۆزگىرىشنىڭ زورلۇقى، تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىقىنى ھەم نۇرغۇن پۇرسەت بارلىقىنى ھېس قىلدى.

 دىڭ لىن مۇنداق دېدى: 20 يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدىم، بۇ قېتىم كېلىپ ئۈرۈمچى شەھىرىنى تونۇيالمايلا قالدىم، ھەممىلا يەردە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، قاتناش تېخىمۇ راۋانلىشىپ، خەلقئارالىق چوڭ شەھەرگە ئايلىنىپتۇ. كارخانىمىز ھەر يىلى شىنجاڭدىن زور مىقداردا كۆكتات، قۇرۇق مېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ، زاكاز سوممىسى تەخمىنەن 4 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس مەھسۇلاتلىرىنى كارخانىمىزغا كىرگۈزۈشنى ھەم دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرگە كېڭەيتىشنى، شۇنداقلا باشقا شەھەرلەرنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ يېقىن ئەتراپتىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى سەپىرىدە، شاڭخەي ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت- ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ فاڭنىڭ ئالاھىدە بىر «ۋەزىپىسى» بار، ئۇ بولسىمۇ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئايال كارخانىچىلار بىلەن ساياھەت تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىق تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

 ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھازىر «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، چېتىلىدىغان ھەرقايسى كەسىپلەر ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى ۋە مەبلەغ سېلىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

 شۇ كۈنى، شاڭخەي ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت- ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن يېڭى يىپەك يولى خەلقئارا تۆۋەن كاربونلۇق ئاقىل پورتى تۈر قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ تۈر ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە تۆۋەن كاربونلۇق مېھمانخانا قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆۋەن كاربونلۇق مېھمانخانا غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى ئىجادىيەت بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ تۈرنى شاڭخەي ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت- ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ سەيئوۋدې مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە قۇرىدۇ.

 شېنجېن ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شېنگاڭ كۆرگەزمە مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لۈ دەن بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە بارغانلىكى يەردە تەشۋىقات ماتېرىيالىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمىدى.

 لۈ دەن مۇنداق دېدى: كارخانىلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، مەندە يېڭىچە پىكىر يولى پەيدا بولدى. شىركىتىمىز پۈتۈن كەسىپ زەنجىرلىك شىركەت بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، بىر تۈركۈم داڭلىق كۆرگەزمە ماركىلىرىنى ياراتقان. كېيىنكى قەدەمدە شېنجېن- شياڭگاڭ يىغىن- كۆرگەزمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشقا تەشكىللەپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي، جيا مېڭيەن،  لياڭ شۇفاڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125