شەكلى سۇ تامچىسىغا ئوخشايدىغان بىر خىل مېۋە بار، پوستى نېپىز، ئۇرۇقى يوق، يۇمشاق، شىرنىلىك، خۇش پۇراق، يەنە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مېۋىسى دېگەن نامىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئەنجۈر. 7- ئاينىڭ 17- كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا، سودىگەرلەرنىڭ توۋلىغان ئاۋازلىرى دەم كۆتۈرۈلۈپ، دەم پەسىيىپ ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، سارغىيىپ پىشقان ئەنجۈرلەر نۇرغۇن ئاھالىنى جەلپ قىلغانىدى. شىنجاڭدا ئەنجۈر ئوبرازلىق قىلىپ «شاخ مانتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ تاتلىق بولغىنى بىلەن كۆڭۈلگە تەگمەيدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
ھەر يىلى ئەنجۈر پىشىپ بازارغا سېلىنغاندا، چوڭ- كىچىك كوچىلارنىڭ ھاۋاسىنى ئەنجۈرنىڭ تاتلىق پۇرىقى قاپلىغاچقا، كىشىلەر ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىپ تېتىپ باقىدۇ. يەكەن ناھىيە ئاھالىسى سۇلايمان ياسىن مۇنداق دېدى: «ئەنجۈر شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مېۋىسى، تەمى ئۆزگىچە، مەن بەك ياخشى كۆرىمەن».
يەكەنلىك تىجارەتچى ئابلىمىت مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن ساتقان ئەنجۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاتۇشتىن توشۇپ كەلگەن، تەمى ياخشى بولغاچقا، خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ھەر كۈنى 800 تالدىن 1000 تالغىچە ساتالايمەن، كىرىمىم يامان ئەمەس».
شىنجاڭنىڭ ئەنجۈرلىرى يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىنغاندىن باشقا، يەنە قاق قىلىنىپ سېتىلىدۇ. ئەنجۈر قېقىدا ئەنجۈرنىڭ تاتلىق تەمى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى ساقلىنىپ قېلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭدا، ئەنجۈرنىڭ پىشىشىغا ئەگىشىپ، باغۋەنلەرمۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ شېرىن پەسىلنى كۈتۈۋالدى. ئەنجۈردىن مول ھوسۇل ئېلىش شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە مول كىرىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ خاس مېۋە- چىۋە كەسپىدىمۇ يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.
(يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى مەمەتئېلى مەمتىمىن)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)