ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، شەخسىي ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئالاقىدار بۇ بىلىملەرنى بىلىۋېلىڭلار (1)
14:07:17 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا) يەنە بىر يىللىق  ئوقۇش پۈتكۈزۈش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، مەكتەپتىن چىقىپ، خىزمەت ئورنىغا قەدەم قويۇپ، خىزمەت ئورنىدىكى يېڭى خادىم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شەخسىي ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر سورايدىغان نۇرغۇن سوئالىڭىز بارغۇ دەيمەن؟ يېقىندا، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىكىلەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كۆرسەتمىسىنى رەتلەپ چىقتى، ساقلىۋېلىڭ!

 1. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

 جاۋاب: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 2. سىناق مۇددىتى ئىچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش كېرەكمۇ؟

 جاۋاب: تاپشۇرۇش كېرەك.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 7- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ 58- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. شۇڭا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

 3. ئارخىپى يۆتكەپ كېلىنمىگەن ئەھۋالدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغىلى بولمامدۇ؟

 جاۋاب: تاپشۇرغىلى بولىدۇ.

 يېڭى خىزمەتچى ئىشقا چۈشكەندە، كادىرلار ئارخىپىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ كەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كادىرلار ئارخىپى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتا تەلەپ قىلىنغان شەرت ئەمەس، ئۇ ئىدارىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.

 4. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق تاپشۇرۇشى كېرەك؟ 

 جاۋاب: ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئورتاق تاپشۇرىدۇ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرىدۇ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆزى ھەق تاپشۇرمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆزى مەلۇم قىلىشى، ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇشى كېرەك.

 5. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن شەخس ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى نەق پۇل ئارقىلىق تۆلەش ياكى ئىشچى- خىزمەتچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆز ئالدىغا بېجىرىش توغرىسىدا پۈتۈشسە بولامدۇ؟ 

 جاۋاب: ئەلۋەتتە بولمايدۇ! 

 «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يىغىش- تاپشۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى»نىڭ 12- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەق تاپشۇرغۇچى ئورۇن ۋە ھەق تاپشۇرغۇچى شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى پۇل شەكلىدە تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. ھەق تاپشۇرغۇچى شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى، ئىشلەيدىغان ئورنى شۇ كىشىنىڭ مائاشىدىن ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن شەخسنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى توغرىسىدا ئۆز ئالدىغا پۈتۈشۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نەق پۇل تۆلەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرماسلىق ياكى ئىشچى- خىزمەتچى ئۆزى بېرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش  ئۇسۇلى مۇۋاپىق ئەمەس.

 6. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت ئورنى تاپالمىسا، شەخسىي ھالدا سۇغۇرتىغا قاتناشسا بولامدۇ؟ 

 جاۋاب: بولىدۇ، ئىككى خىل تاللاش بار. 

 بىرىنچى، شەخسىي سالاھىيەت بىلەن كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، بۇمۇ كۆپ ساندىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تاللايدىغان سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇسۇلىدۇر، ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر- بازار ئورۇنلىرىدا تولۇق ئۆلچەملىك ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشىنىڭ %60ىدىن %300ىگىچە بولغان ئارىلىقتا، مۇۋاپىق ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى تاللىسا بولىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى تاللاپ بېكىتىلگەن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ %20ى بويىچە بولىدۇ. 

 ئىككىنچى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ، ھەر يىلى دەرىجە بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرىدۇ، ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تاللاپ، كۆپ تاپشۇرسا كۆپ ئالىدۇ، ئۇزاق تاپشۇرسا كۆپ ئالىدۇ.

 (داۋامى بار)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125