60 توننا ئۈزۈم پۈتۈن مەملىكەتكە تېز يەتكۈزۈلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن) سوغۇق توشۇش ئالدىنقى ئامبىرى قۇرۇش، پۈتۈنلەي ئۈزۈم توشۇيدىغان يۈك ئايروپىلانى سەپلەش، ئۈزۈمنى زاكازلىق ئوراپ قاچىلاشنى قوللىنىش ... 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان تۇرپاننىڭ خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتى ئۈزۈم تونۇشتۇرۇش يىغىنى»دا، ئۈزۈمنى «ھۆل پېتى ساقلاپ» توشۇشنى ھەل قىلىش لايىھەسى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى، بۇ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ ئاقىل ئەشيا ئوبوروتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى خۇاڭ شياڭ ئۈزۈم توشۇشنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تونۇشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن فوتوسى
تۇرپان ئۈزۈمى، ئاساسلىقى، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ. «ھازىر، تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ كۈندىلىك توشۇلۇش مىقدارى 2000 يەشىكتىن ئېشىپ، جەمئىي 60 توننىدىن ئارتۇق توشۇلدى، بۇ يىل ئۈزۈمنىڭ توشۇلۇش مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %68 ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە». شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن باۋسەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شۇنفېڭ «كۆپ مەنبەلىك + ئەشيا ئوبوروتى پەن- تېخنىكىسى»دىن ئىبارەت ئالدىدا مېڭىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۇرپان ئۈزۈمى ئۈچۈن «يېڭى پېتى ساقلاش»تىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ئاقىللاشقان توشۇشنى ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزدى، بۇ، ئاقىل ئامباردا ساقلاش، سوغۇق ساقلاش سىستېمىسى ھەم توردا ۋە تور سىرتىدا يۇغۇرۇلۇش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ لايىھەگە ئاساسەن، شىنجاڭ شۇنفېڭ شىركىتى تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ ئەسلىي ئۆستۈرۈلگەن جايىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، شۈنفېڭ سوغۇق توشۇش ئالدىنقى ئامبىرىنى قۇرۇپ، سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا بىۋاسىتە قاتناپ، ئاندىن شۈنفېڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈم توشۇيدىغان يۈك ئايروپىلانى تورىغا تايىنىپ، تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ شۇ كۈنىلا پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
ئەۋەتىش- يەتكۈزۈش بايلىقى سېلىنمىسى جەھەتتە، بوئېن 737 تىپلىق تولۇق يۈك ئايروپىلانى، 28 توننىلىق يۈك ئايروپىلانى بۆلمىسى ئىشلىتىپ، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 5000 يەشىكتىن ئارتۇق يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. مەھسۇلات ئورالمىسى جەھەتتە، شۇنفېڭ تۇرپان ئۈزۈم سورتىغا ماس كېلىدىغان مەخسۇس ئوراپ قاچىلاش لايىھەسى ـــ سولياۋ يەشىك + تور خالتا + نىپىز بۇلۇت ئورالمىسى + مۇز خالتا + قەغەز يەشىك + سۇ ئۆتمەس خالتا + ئالدىن سوۋۇتۇش + يېڭى پېتى ساقلاش مۇلازىمىتىنى بېكىتىپ، ئۈزۈمنىڭ توشۇش جەريانىدىكى يېڭىلىق دەرىجىسىگە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)