ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى تارباغاتاي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى نومۇرىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، تارباغاتاي ۋىلايىتى 2024- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كەسپىي ئورۇنلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئىختىساسلىقلاردىن 109 ئادەمنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان.
1. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئوبيېكتى
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە مۇشۇ قاراردا (ئۆتكەنكى قاراردا) ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر.
2. تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش
(1) تىزىملىتىش ۋاقتى
2024- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە
(2) سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋاقتى
2024- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە
3. تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى
توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تور ئادرېسى https://xjtc2024.zhaopin.comنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ، تىزىملاتسا بولىدۇ.
4. مەسلىھەت سوراش ۋە نازارەت قىلىش تېلېفونى
1. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى (خىزمەت كۈنىدە سائەت 10:00دىن 14:00كىچە، 16:00دىن 20:00گىچە)
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى: 6221579 -0901
2. نازارەت قىلىش تېلېفونى
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى: 6223804 -0901
نازارەت قىلىش پوچتا ساندۇقى: tcrsjjck @ sina.com
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)