7. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىم سالاھىيىتى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ بولۇپ، كېيىن يەنە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئورۇنلاشسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى سالاھىيىتى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ بولۇپ، كېيىن يەنە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئورۇنلاشسا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىش كەسپىنى بېجىرىشى كېرەك، ئاندىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇلاپ سۇغۇرتىلاش كەسپىنى بېجىرىدۇ ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بىللە داۋاملىق سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەقنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا يېتىپ بارغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ماسلىشىش، جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەق تاپشۇرۇشنى ئۈزۈپ قويۇش سەۋەبىدىن شەخسىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
8. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم. سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنىڭ مۇكەممەل، توغرا بولۇشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق. «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش نىزامى»دا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خاراكتېرى، بانكا ھېساباتى، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا، شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
9. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىسا قانداق قانۇنىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
جاۋاب: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ 86- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرمىغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئالغۇچى ئاپپارات سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە كەم تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ كۈنىگە ئون مىڭدىن بەش ئۈلۈشى بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى قوشۇپ ئالىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلىرىغا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماق كەم تاپشۇرغان سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
10. شەخسىي ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىكى ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى قانداق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؟
جاۋاب: شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، توردا ۋە تور سىرتىدا قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىسە بولىدۇ.
توردا تەكشۈرۈش يوللىرى: شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى (تور بەت نۇسخىسى)، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت (كىچىك پىروگرامما ياكى APP)
تور سىرتىدا تەكشۈرۈش يوللىرى: پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركەزلىرىنىڭ كۆزنىكى، ھەر قايسى يېزا- بازار (مەيدان)، كوچا باشقارمىلىرىنىڭ ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى ئورنىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)