شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈر پىدائىيلىرىنىڭ 1- قارارلىق پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لالە خېلىل) 7- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈر پىدائىيلىرى تەشۋىقات مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، 1- قارارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 20دىن ئارتۇق ياش- ئۆسمۈر پىدائىي ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى شىنجى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىق مەركىزىگە بېرىپ، بۇ يەردىكى بالىلارغا خۇشاللىق بېغىشلىدى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلىدى.
7- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى شىنجى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىق مەركىزىدە، پىدائىي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى كىچىك دوست بىلەن بىللە قول ھۈنەر بۇيۇمى ياسىماقتا.
پىدائىيلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى كىچىك دوستلار بىلەن بىرلىكتە قول ھۈنەر بۇيۇمى ياسىماقتا.
«كىچىك دوست، قاراڭ، بۇ نېمە؟» پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، پىدائىي ئەنۋەر ئازات كۆپچىلىككە ئېسىل سېھرىگەرلىك نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. «بۇ يەردىكى بالىلارغا نومۇر ئورۇنلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم»، دېدى ئەنۋەر.
پىدائىي كۆپچىلىككە ئېسىل سېھرىگەرلىك ئويۇنى كۆرسەتمەكتە.
پىدائىي كىچىك دوستلارغا ناخشا ئېيتىپ بەرمەكتە.
پىدائىيلار رەسىم سىزىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى كىچىك دوستلارغا بەخت تىلىمەكتە.
پىدائىيلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى كىچىك دوستلارغا ھەمراھ بولۇپ ھەرىكەت ئىشلىمەكتە.
«پىدائىيلىق مۇلازىمىتى پائالىيىتىنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز پۇرسەت بولسا بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ كىچىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز»، دېدى «باراي» تۇرمۇش مۇلازىمەت سۇپىسى ۋەيمەي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئۈمىت سالام. پائالىيەت ئاخىرلىشاي دېگەندە، پىدائىيلار بالىلارغا نەپىس خاتىرە بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى.
پىدائىيلار كىچىك دوستلارغا نەپىس خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلماقتا.
پىدائىيلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، بالىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)