ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى بايىنغولىن ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى: 7- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىنىڭ 463 كىلومېتىرلىق جايىدىكى يول يۈزىنى تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىپ ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكتىن، قاتناش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش شارائىتى ھازىرلانمىدى، خېجىڭ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويدى، ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى بېكىتىلمىدى.
ھازىر بۇ يول بۆلىكىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىنىڭ 455 كىلومېتىر قوشۇلغان 800 مېتىرلىق جايىدىكى، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىنىڭ 463 كىلومېتىر قوشۇلغان 500 مېتىرلىق جايىدىكى نارات- بالغۇنتاي تاشيولى قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان يان يولدىن ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ، يان يولدا ماڭغاندا قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىڭىزنى ھەمدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشىڭىزنى سورايمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)