ھەر كۈنى گۆشسىز تاماق يېسە، قاندىكى ماي مىقدارى ئۆرلىمەمدۇ؟
16:13:03 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 پىتنە- ئىغۋانىڭ مەزمۇنى: قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولسا، گۆشنى ئاز يېيىش، ماينى ئاز يېيىش، گۆشسىز تاماقنى كۆپ يېيىش، ھەتتا گۆشسىز تاماقنىلا يېيىش كېرەك، گۆش يېمىسىلا، قاندىكى ماي مىقدارى تېزلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

 ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش: بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. گۆشسىز تاماق يېگەندە قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكىلى بولۇشى ناتايىن، بەلكى ئاقسىل كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، چۈنكى گۆش بىزنىڭ مۇھىم ئاقسىل مەنبەيىمىز. ئەمەلىيەتتە، ياغ مايلىق گۆشنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپلا قالماستىن، تورت، گازىر قاتارلىق گۆشسىز يېمەكلىكلەردىمۇ ئەسلىدىنلا نۇرغۇن ياغ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، مايدا چۈچۈتۈش، مايدا پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ يېمەكلىككە نۇرغۇن ياغ قوشىدۇ. ئەگەر كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلساق، بەدىنىمىزمۇ ترى گلىتسېرىدنى بىرىكتۈرىدۇ، بۇ، قاندىكى ماينىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىگە خاس مېتابولىزم قانۇنىيىتى بار، نۇرغۇن ماددا ھەم يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ، ھەم بەدەنمۇ بىرىكتۈرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەڭشەش- تىزگىنلەش جەريانىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش بىلەنلا بەدەندىكى مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. بىراق، تۇرمۇشتا بىز پەقەت بىر ئاددىي پىرىنسىپنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتساقلا بولىدۇ، يەنى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېمەكلىك تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشى، تېخىمۇ ساغلام بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125