ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى) ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ قىزىلتاش خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى شەمسىيە ئاممىۋى پاراۋانلىقى فوندىنىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانى باشلاندى. بۈگۈندىن باشلاپ 8- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش شەرتى: شىنجاڭ دائىرىسىدە 2024- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولۇشى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 1- تۈركۈم، 2- تۈركۈم نومۇر سىزىقىدىن ئاشقان بولۇشى، شۇنداقلا ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولۇشى كېرەك؛ بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، بۇ، تولۇق كۇرس ياكى ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانىدا جەمئىي 30 ياردەم بېرىش سانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى 3000 يۈەن ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئىقتىسادىي ياردىمىگە، شۇنداقلا زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار، بىردەك توردا تىزىملىتىش ئۇلانمىسى http: //lxi.me/77mriنى چېكىپ كىرىپ ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. تىزىملىتىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى قەغىزى، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىزاھاتى، مېيىپلىك ئىسپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ قىزىلتاش خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى كەسپىي ئۆمەك تەشكىللەپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بېكىتىلگەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تىزىملىكى مۇشۇ فوند جەمئىيىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلمەكچى بولغان ئائىلە باشلىقلىرى ياكى ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ قىزىلتاش خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. تېلېفون نومۇرى: 8860072- 0991.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)