يازلىق ساياھەت مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ، ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
16:40:21 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 مەملىكەتلىك يازلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال پەسلى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) يازلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال بېلىتى، بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش، باھانى چۈشۈرۈش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، ھەرقايسى جايلار، قوللىغان ھەرقايسى ئاپپاراتلار 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاھالە، ساياھەتچىگە نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يازلىق ساياھەت مەزگىلىدىكى گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

 (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ساۋ يەن، شيۇ جىگو)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125